ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
«بۇ يىللاردىمۇ مۇشۇنداق ئادەملەر بار ئىكەن». چىڭداۋلىق قىز پاڭ چۇنشياۋ توردىن بۇرماقان مولدونىڭ نەچچە ئون يىل چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغداپ، نۇرغۇن «جۇڭگو تېشى»نى ئويغانلىق ھېكايىسىنى بىلگەندىن كېيىن، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىقىغا تىزىملىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كېلىپ، جىغىن يېزىسىغا بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئارزۇسى بويىچە ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيە بازىسى «بۇرماقان ئائىلىسى»نىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىگە ئايلاندى.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر بۇرماقاننىڭ ئۆيىگە كەلدى، بۇ، پاڭ چۇنشياۋنىڭ ئاللىقاچان قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ھېكايىنى تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ تاراتقۇغا بايان قىلىشى ئىدى.

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر بۇرماقاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى زىيارەت قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ فوتوسى
بۇرماقان ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدە ئولتۇراقلاشقان، ئۇ تۇرۇشلۇق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1133.7 كىلومېتىر كېلىدۇ، كونكرېتلاشتۇرغاندا ئۇنىڭ يۇرتى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدا بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولغاچقا، «غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى يېزا» دەپ ئاتالغان.
بۇرماقان ئائىلىسىدىكى 30 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆيدە 200 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 12 ئەمەلىي بۇيۇم ھەمدە بۇرماقان كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېرىشكەن تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەر ساقلانغان ئىدى، بۇ جاي پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى. پاڭ چۇنشياۋ تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە «ئىنتايىن ھەيران قالغانىدى».
«ئۇنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى شۇنچىلىك ئاددىي، لېكىن شۇنچىلىك قەتئىي، بۇ يەردىكى ھەربىر تاش بۇنىڭغا گۇۋاھ بولالايدۇ». پاڭ چۇنشياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىپايان پامىر ئېگىزلىكىدە، بۇرماقان ئۆز قولى بىلەن دۆلەت مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق «جۇڭگو تېشى»نى ئويدى. بۇ تاشلار دۆڭگۇرمۇ تېغى، ئاراتولى تېغى، ۋېيبالا تېغى قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى چېگرا لىنىيەلىرىگە سوزۇلغان.
بۇرماقان 12 يېشىدىلا ئاپىسىغا ئەگىشىپ چېگرا چارلىدى، چېگرا قوغدىدى. 1961-يىلى 19 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىزىملاتتى.
ئىلگىرى چېگرا لىنىيەسىدە ئېنىق چېگرا تېشى بولمىغاچقا، چارۋىچىلار بەزىدە چېگرادىن ئۆتۈپ مال باقاتتى. چېگرانى قوغداش ئۈچۈن، بۇرماقان «تاشقا ئويۇپ ئابىدە تىكلەش» چارىسىنى ئويلاپ تاپتى: ئۇ تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇپ، چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ كۆمدى، بۇ تاشلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا بەلگىسى رولىنى ئوينىدى.
ھەر كۈنى چېگرانى چارلاپ تاشقا خەت ئويۇش جەريانىدا، بۇرماقان ئۆزىنىڭ قانچە قېتىم خەتەرگە يولۇققانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، لېكىن چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەربىر تاشنىڭ ئورنىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇرماقان مۇنداق دېدى: مەن ھازىر چېگرا لىنىيەسىگە ئەڭ يېقىن كەنتتە تۇرۇۋاتىمەن، گەرچە ئەمدى تاغقا چىقىپ چېگرانى چارلاپ، «جۇڭگو تېشى» ئويۇشقا ئامالسىز قالغان بولساممۇ، لېكىن ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئۇنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن، جىغىن يېزىسىدىكى كۆپلىگەن ياشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىغا قېتىلدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن 16 ئادەم چېگرانى قوغداش كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئالدى، ئوغلى مەرگەن ئىككىنچى ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىسى بولدى، نەۋرىسى بەيسەن ئىرات ساقچى فورمىسى كىيىپ چېگرا ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلدى، ئەۋرىسى كىچىكىدىن تارتىپلا چېگرا بەلگىسىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگەندى.
«بۇرماقان ئانا دائىم بىزگە: ياشلار چوقۇم ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، تىرىشىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشى كېرەك، دەيدۇ». پاڭ چۇنشياۋ مۇنداق دېدى: جىغىن يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇرماقانغا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
مۇتەللىپ توختىمەمەت ئۈچىنچى ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىسى. مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: «مەن چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلغىلى سەككىز يىل بولدى، بىز چوقۇم چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغدايمىز، ۋەتەننى قوغدىغانلىق ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىنى قوغدىغانلىق».
پاڭ چۇنشياۋ بىر ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ، دائىم جىغىن يېزىسىغا بېرىپ، چېگرانى قوغداش روھىنى ھېس قىلدى. «ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماي چېگرانى قوغدىغانلىقىنى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىلدىم، ھەقىقەتەن ئادەمنى بەك قايىل قىلىدۇ». پاڭ چۇنشياۋ مۇنداق دېدى: بۇرماقان دائىم چېگرا قوغدىغۇچىلارنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، دائىم كۆپچىلىككە: «ھازىر شارائىت نېمە دېگەن ياخشى، ھۆكۈمەت ئارام ئالىدىغان ۋە تاماق ئېتىدىغان جاي ياساپ بەردى، يەنە كىيىم-كېچەك، موتوسىكىلىت تارقىتىپ بەردى، چېگرا قوغدىغۇچىلارغا ياردەم پۇل تارقىتىپ بەردى، قانداق قىلغاندا ۋەتەنگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا چوقۇم ئويلىنىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.
«ھۆكۈمەت ئۆيۈمنى مۇشۇنداق ياخشى ياساپ بەردى، بۇ يالغۇز مېنىڭلا ئۆيۈم ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيى، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرسىكەن دەيمەن.» بۇرماقاننىڭ ئاددىي سۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
جىغىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن لىيى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزىمىز چېگرا قوغداش قوشۇنى ئۈچۈن كىچىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش، كىچىك ئائىلىۋى مېھمانخانا، كىچىك قۇرۇلۇش ئەترىتى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يەتتە كىچىك قۇرۇلۇش»نى تەشكىللەپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى چېگرا قوغدىغاندىن باشقا ۋاقىتتا يەنە بىر كىشىلىك كىرىمگە ئىگە قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






