تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش丨ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسىدىكى «بىرمۇ ناچار باھا بېرىلمىگەن» پوچتالىيون ئېرىسبۈ

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېرىسبۈ تۇردىمەمەت توكسىكىلىت مىنىپ تېز يوللانما يەتكۈزۈش يولىدا كېتىۋاتماقتا.

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كۈزدىكى قۇياش نۇرى ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىغا چېچىلدى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىلىق پوچتا پونكىتىنىڭ پوچتالىيونى ئېرىسبۈ تۇردىمەمەت توكسىكىلىت مىنىپ تېز يوللانما يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى، 2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۇ توكسىكىلىت بىلەن جىغىن يېزىسىنىڭ 2012 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تۇپرىقىنى ئايلىنىپ چىقتى، تېز يوللانمىنى يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، يەتتە يىلغىچە بىرمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەي، ئەرز-شىكايەتكە ئۇچرىماي، جىغىن يېزىسىدىكى ھەممە كىشى باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختايدىغان «تېز يوللانما ئەلچىسى»گە ئايلاندى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېرسىبۈ تۇردىمەمەت كەنت ئاھالىلىرىگە تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

   جىغىن يېزىسى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، «غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى يېزا» دېگەن نامى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ. 2017-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ يەردىكى تېز يوللانمىلار پەقەت يېزىلىق ھۆكۈمەتكىلا يەتكۈزۈلەتتى، كەنت ئاھالىلىرى دائىم پىيادە 20 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئاندىن ئېلىۋالاتتى، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كۆپ سەرپ قىلىنىپلا قالماي، تېز يوللانمىلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پات يۈزبېرىپ تۇراتتى. 2018-يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پوچتا شىركىتىنىڭ «تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېرىسبۈ جىغىن يېزىسىدىكى تۇنجى يېزا پوچتالىيونى بولۇپ قالدى. ئۇ بىر موتوسىكىلىت بىلەن «تېز يەتكۈزۈش يولى»نى ئاچتى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېرىسبۈ تۇردىمەمەت ئاتكرىتكىغا پوچتا تامغىسى باسماقتا.

   پۈتۈن يېزىدىكى 2400دىن ئارتۇق ئادەم تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەڭ يىراق كەنتنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلەتتى. مەيلى بوران چىقسۇن ياكى قاتتىق قار تاغ يولىنى توسۇۋالسۇن، ئېرىسبۈ ھەمىشە تېز يوللانمىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزدى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېرىسبۈ تۇردىمەمەت ۋە ئۇنىڭ ئېرى تېز يوللانمىلارنى قاچىلىماقتا.

   «ئېرىسبۈ بىزنىڭ تۇغقىنىمىزغا ئوخشاش، مەيلى قانچىلىك كەچ بولسۇن، قانچىلىك يىراق بولسۇن، تېز يوللانما كەلسىلا، ئۇ چوقۇم بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» دېدى قارا تېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتتۇرغان ساسىق. ئۇ تېز يوللانما يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دائىم ياشانغانلارغا دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئايرىلالمايدىغان «سىردىشى»غا ئايلاندى.

​9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېرىسبۈ تۇردىمەمەت ئاتكرىتكىلارنى ئايرىماقتا.

   يەتتە يىل سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن، ئەرز-شىكايەت قىلىنمىغان ئېرىسبۈ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پوچتا شۆبە شىركىتىدە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر پوچتالىيون. «يۇرتداشلارنىڭ تېز يوللانمىنى ئالغان چاغدىكى خۇشال كۈلكىسىنى كۆرگەندە، ھەممە نەرسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن» دېدى ئېرىسبۈ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.