تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

    بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 70 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنى «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

   70 يىلدا تاغ-دەريالار قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قىياپەت بىلەن ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، بېيجىڭ گېزىتى، ئازادلىق گېزىتى، جېجياڭ گېزىتى، خۇنەن گېزىتى، شىنخۇا گېزىتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك 20 نەچچە تاراتقۇدىكى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى، مۇھەررىرلىرى بىلەن شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خەۋەر قىلىش ئۆمىكى تەشكىللىدى، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەگە بۆلۈنۈپ، بىر ھەپتىلىك چوڭقۇر زىيارەت قىلىشنى باشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەتكە ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى جانلىق ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

   شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلار، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق بىرلەشمە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات ئېلانى، H5، سىن، يېزىق، سۈرەت قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ شەكلى ئارقىلىق تارقىتىش ئاۋازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.