تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا دولقۇن مەۋج ئۇردى، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر سۈرەتتەك نامايان بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جاۋ يۆ

ئاتۇش شەھىرى ئەنجۈر 3 - كەسىپ يۇغۇرما پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىدا، ئەنجۈر دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، تۆت مو يەردىكى ئەنجۈر پارنىكى ھەر يىلى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە 60 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ؛ قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ئالتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 60 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئاپپارات ئىشكاپىنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمى شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا، غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە، بالىلار «گۈزەل جۇڭخۇا» «قىزىل ئانار» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» باش تېمىسىدىكى قەغەز قىيمىلارنى ئۆز قولى بىلەن قىيىپ چىقتى...

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، مەركەز ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بەش يولغا بۆلۈنۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ قىسمەن شى، شەھەرلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى كۆپچىلىكنى ھاياجانلاندۇردى: «بىز ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!»

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ مەۋج ئۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلاش

قىيىنچىلىقتىن قورقماي پائال جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى گۈزەل تۈسكە كىردى. 70 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

پولاتنى سوغۇق ھالەتتە بازغانلاش تېخنىكىسىنىڭ يارىتىلىشى ئاليۇمىنلىق پولات تاۋلاشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئالدىن كۈچىنىشچان بېتونغا ئىشلىتىلىدىغان پولات تاياقچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى شىنجاڭدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، دۇنيا بويىچە تۇنجى سانائەت دەرىجىلىك مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما ئوكسىگېنلىق دومنا پېچ يىلىغا 600 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەردى، بۇ، كۆلىمى 700 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەنە بىر ئورمانلىق بەرپا قىلغانغا باراۋەر... شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 2012 - يىلىدىن بۇيان جەمئىي 42 مىڭ ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپ، 12 مىليارد 440 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى؛ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان، ياسىغان تونېل قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئۈرۈمچى مېتروسى ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپ تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلىشقا قاتناشتۇرۇلدى، ئىشلەپچىقارغان پاختا يىغىش ماشىنىسى، شوخلا يىغىش ماشىنىسى چەت ئەل داڭلىق ماركىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى، شوخلا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى... پولات - تۆمۈر كەسپى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى يېڭى بولۇشقا قاراپ كۈچەيدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

پەقەت 0.01 سېكۇنتتىلا شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ توكىنى 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئەنخۇيگە چاقماق تېزلىكىدە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىدا نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش، گېن تەھرىرلەش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، بۇغداي، قوناق، پاختا، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات يېڭى سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، ئەلا سورتلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى...

ئېتىزدىن زاۋۇتقىچە، ئېلېكتىر تورىدىن بۇلۇت تېرمىنالىغىچە، تەجرىبىخانىدىن كان مەيدانىغىچە، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولماقتا.

شەھەر - يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلەش

زىيارەت پائالىيىتىدە، ھەرقايسى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلەپ ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئالقىشلىدى.

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خوتەن تۇەنچېڭدىكى كەپتەر كوچىسىدا ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارتىلغان بىر گۇرۇپپا سۈرەت مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋەيرانە كېسەك ئۆيلەر، قالايمىقان تارتىلغان توك سىملىرى، كوچىلاردا ئوچۇق قالغان سۇ تۇرۇبىلىرى... سۈرەتتىكى كۆرۈنۈشلەر بۈگۈنكى كۈندىكى تۇەنچېڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى.

«ئىلگىرىكى تۇەنچېڭ شەھەر ئىچىدىكى كەنت بولۇپ، ئۆيلىرى كونا، ئۇل يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قالاق ئىدى، يەنە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى.» خوتەن يۈدۇ مەدەنىيەت - ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جياجيا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016 - يىلى، خوتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىنىڭ قوللىشىدا، كونا شەھەر رايونىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، تۆت يىلدىن كېيىن، خوتەن تۇەنچېڭ بىر سەكرەپلا دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ئۇ ساياھەتچىلەر خوتەنگە كەلگەندە جەزمەن داكا قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ئۆيۈمدىكى 12 ئېغىز ياتاق ئۆي ئاساسەن كۈندە مېھمانلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ» دېدى تۇەنچېڭ «ئۈزۈملۈك باغ» ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ ئىگىسى ئامىنە جېلىل.

ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش. چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون كۆرگەزمە سارىيىدا پۈتۈن دۇنيادىن كەلتۈرۈلگەن 1147 ئاككوردىيون ساقلانغان بولۇپ، كۆرگەزمە سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە چۆچەك شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاككوردىيوننى ياقتۇرۇپ قېلىشىغا تۈرتكە بولدى. مەھەللە ۋە كوچىلاردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، چوڭ - كىچىك كوچىلاردىكى رېستوران - ئاشخانىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە شوخ ئاككوردىيون ساداسى ياڭرىدى.

شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىدىكى پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدە، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ چوڭ مېھمانخانا ئۆيىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈيلىدى، شادىيانە مۇزىكا، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇسسۇل، ياڭراق ناخشا ساداسى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەلپكار مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى.

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ھېكايىسىنى بايان قىلىش

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدە، مۇخبىرلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بۇرماقان مولدو ئانىنىڭ بايانلىرىنى جىمجىت ئاڭلىدى.

جىغىن يېزىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، «غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى يېزا» دەپ ئاتالغان. بۇ جايدا بۇرماقان ئانا نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تاغ - دەريالارنى كېزىپ چېگرانى چارلاپ، پامىر ئېگىزلىكىدە ئۆز قولى بىلەن 100 مىڭدىن ئارتۇق «جۇڭگو تېشى»نى ئويدى.

خوشلىشىدىغان چاغدا، بۇرماقان ئانا قولىغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە چوڭ قىلىپ «جۇڭگو» دېگەن خەتنى يازدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتەن مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە».

ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىدىكى «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمىزدە، ئۇچىسىغا چىرايلىق مىللىي كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگەن، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى كۆردۇق. كۈلكە - چاقچاق سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى.

قازاق مىللىتى ئاممىسى سەنشى، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن قىزىلتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەن خەنزۇ ئاھالىلىرىنى «قۇرجالىقلار» دەپ ئاتايدۇ. يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، «قۇرجالىقلار» بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر بىر بۆلەك تەسىرلىك تارىخنى پۈتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى بۇ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، 2012 - يىلى، كەنت ئاھالىسى لى خۇڭشيۇ خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىخانىسى ئاچتى، قوشنىلار تارىخ تۇيغۇسى قويۇق كونا بۇيۇملارنى بەس - بەستە ئەكىلىپ بەردى. «بۇ كونا بۇيۇملار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەمدە بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان، كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىپ تۆككەن تەرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ تىرىشىشىدىن كەلگەن، كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ».

بىڭتۇەن 13 - شى خۇڭشىڭ 2 - مەيدانى خۇڭشىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كىرگىنىمىزدە، 520 ئەمەلىي بۇيۇم، 480 پارچە سۈرەت رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى «جىڭگاڭشەندە بارلىققا كەلگەن، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلگەن، نەچچە ئونمىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان، تىيانشاندا بوز يەر ئاچقان» ئاجايىپ ھېكايىنى بايان قىلىپ تۇراتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بۇلاردىن ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.

«گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.» خۇڭشىڭ 2 - مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.