
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دېھقانلار بىڭتۇەن 2 - شى 29 - تۇەننىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۈزۈم ئۈزمەكتە. ھازىر بىڭتۇەن 2 - شىدا 27 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈم پىشتى، دېھقانلار ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېتىز باشلىرىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. □ ليۇ ۋەنلې فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
9 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، تاغ - دەريالار ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى.
9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى، بىرقانچە كۈندىن بۇيان، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى رەڭگارەڭ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇرغان مېۋىلەرگە ئىنتايىن مەپتۇن بولدى − سۇس قىزارغان نەشپۈت، رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىڭتاڭشىن ئالمىسى، توق مېغىز تۇتقان ياڭاق... مول مېۋىلەردىن كىشىلەر ئىختىيارسىز زوقلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مېۋىلەرنىڭ شېرىنلىك دەرىجىسى ئېشىپ، «مەستانىلىرى» پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئالتۇن مېۋىلەرنى يېتىشتۈردى
تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى كورلا شەھىرى «نەشپۈت شەھىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى نەشپۈت پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق.
«كۈزدە ياخشى ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، باش ئەتىيازدا ئالدىراش ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى بىر نەشپۈتزارلىقتا، كورلا شەھىرى جىنجيۇچېڭ نەشپۈت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى تيەن خەيشېڭ يېڭىلا ئۈزگەن نەشپۈتنى قولىغا ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەشپۈت ئۆستۈرۈۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، بۇ يىل پەرۋىش قىلغان 35 مو باغنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىككى توننىدىن ئېشىشى، تاۋار مېۋە نىسبىتى %85تىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، مۆلچەرىمچە، 180 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلالايمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، سورت تاللاش، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن تارتىپ، ئۈزۈش، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا يېڭى پېتى ساقلاش، ئوراش - قاچىلاش قاتارلىقلارغىچە، ھەربىر ھالقىدا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، نەشپۈت سۈپىتىنىڭ ئەڭ ئەلا دەرىجىگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەشپۈتنىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈش ۋە سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن 21 سورت سورت بايلىقىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، كېيىنكى سورت يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى.
سۈپەت باغ - ئورمان كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ جېنى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، يېشىل، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش، ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىش، باغ - ئورمان تېخنىكىسى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈردى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى سۈپىتى ئەلا بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتى فېڭچىڭيۈەن مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كىرگەندە، قىپقىزىل مېۋىلەر شاخلاردا ئېسىلىپ تۇراتتى. «بۇ يىل ئالمىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، كۆپ مېۋىلەپ، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى.» بۇ كوپىراتىپنىڭ كېڭەش باشلىقى دۇ مىنچاۋنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.
دۇ مىنچاۋنىڭ ئالما ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا 18 يىل بولدى، كۆپچىلىك ئۇنى «بىلىملىك باغۋەن» دەپ ئاتىشىدۇ. 2014 - يىلى، ئۇ باشلامچى بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتى فېڭچىڭيۈەن مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، دەل جايىدا چېچەك شالاڭلىتىش، غورا شالاڭلىتىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، «ھاشارات ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىش» ئېكولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۆلدۈردىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئورنىتىپ، ئالمىنىڭ سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، تاۋار مېۋە نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
«بۇلتۇر، يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئۈچ توننىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تاۋار مېۋىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتتى.» دۇ مىنچاۋ مۇنداق دېدى: بىز يەنە پاكارلىتىپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ ۋە كېڭەيتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە سۇ تېجەش، يەر تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئىنچىكە پىششىقلاش چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى
ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىغا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيەسى باۋيۈەن مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىدا، ياڭاق يېغى، ياڭاق تالقىنى، ياڭاق قىيامى قاتارلىق مەھسۇلاتلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كىچىككىنە بىر تال ياڭاقنىڭ قانداق قىلىپ چوڭ كەسىپكە «ئايلانغان»لىقىدەك قالتىس ھېكايىنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى.
ئونسۇ ناھىيەسى جۇڭگودىكى ياڭاق ماكانى، شىنجاڭدىكى قەغەز ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 850 مىڭ موغا يېتىدۇ. «شىركىتىمىزنىڭ 21 خىل ياڭاق سورتى بايلىقى، 14 مىڭ مو يەردە ياڭاق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بار، ئاساسلىقى <شىنۋېن 185> <شىنشىن 2 - نومۇر>دىن ئىبارەت ئىككى خىل سورتنى يېتىشتۈرىدۇ، ئەلا سورتلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يەتتى» دەپ تونۇشتۇردى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو جىنباۋ.
ياڭاقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شىركەت ئون خىلدىن ئارتۇق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يىلىغا 4000 توننا قەغەز ياڭاق پىششىقلاپ ساتتى. كەلگۈسىدە، شىركەت يەنە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياڭاق يېمەكلىك تالاسى، ياغسىز پىرەنىك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىنچىكە پىششىقلاش باغ - ئورماننىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقسۇ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە يېتىشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، «دەسلەپكى پىششىقلاش يېزا - كەنتلەردە، ئىنچىكە پىششىقلاش باغچە رايونىدا بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20دىن ئارتۇق باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ ۋە ماكانلاشتۇرۇپ، 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ۋىلايەتتە باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدىن 233ى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 1158ى بار، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىقتىدارى 1 مىليون 780 مىڭ توننىغا ئۆستۈرۈلدى، ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارى 660 مىڭ توننىغا يەتتى، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى بويىچە پىششىقلىنىدىغان مەھسۇلات تۈرى 118 خىل بولۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
«كورلا شەھىرىدىكى ئالتە ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى ھەر يىلى 14 مىڭ توننا سۈپەتسىز مېۋە ۋە دەرىجىگە توشمىغان مېۋىنى ھەزىم قىلىدىغان بولۇپ، چيۇلى رۇنفېيگاۋ، نەشپۈت تابلېتى، نەشپۈت ساپاقلىق كەمپۈتى قاتارلىق 25 خىل ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى» دېدى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ بو.
خوتەننىڭ ياڭاق، چىلان قاتارلىق كەسىپلىرىمۇ قوشۇلما قىممەتنى تىرىشىپ ئاشۇرماقتا. چىلان، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى خام ماتېرىيال قىلىپ، شىنجاڭ مېيزىزى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالاھىدە پىرەنىك، يۆبىڭ قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. شىركەت ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ياڭاق، چىلان قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ، 320 دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ھازىرغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۈرلۈك باغ - ئورمان كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى 350كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانا 33كە يەتتى.
بازار ئېچىش ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈردى
«مەن ھازىر مېۋىلەر ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك <بىڭتاڭشىن>نىڭ ماكانى − ئاقسۇ خۇڭچىپودا ئالمىلار پىشىپ قىزاردى...» 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى فېڭچىڭيۈەن مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىۋاتقان باغۋەن ۋاڭ سەنمېي تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تورداشلارغا ئائىلىسى ئۆستۈرگەن ئالمىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
2019 - يىلىدىن ئىلگىرى، ۋاڭ سەنمېي شۇ جايدىكى باغۋەنلەرگە ئوخشاش، ۋاسىتىچى سودىگەرلەر ئارقىلىق ئالما ساتاتتى. بىر قېتىم دوۋيىن كۆرۈۋاتقاندا، ئۇ بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ دوۋيىن ئارقىلىق مېۋە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سىناپ باقماقچى بولدى. «ئەمدىلا باشلىغاندا، مەن دوۋيىندىكى قىزىقارلىق سىنلارنى يىغىپ ساقلاپ قويۇپ، شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئۆز بېغىمدا سىنغا ئالدىم. ئاستا - ئاستا تارقىتىدىغان سىنلار كۆپەيدى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ ئالما ئۆستۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ، ماڭا دىققەت قىلىشقا باشلاپ، ئالما سېتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قالدۇردى.» ۋاڭ سەنمېي مۇنداق دېدى: ھازىر 60 مىڭ مەستانەم بار، بۇ يىل بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئالما سېتىۋاتقانلىقىمنىڭ 4 - يىلى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى «تور + تور سىرتى» سېتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ، 9507 تور سودىگىرىنى يېتىشتۈردى، 76 يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى، مېۋىلەرنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 249 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاقسۇ ئالمىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى بازارلارنى مەھكەم ئىگىلەپلا قالماي، يەنە جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى ھەم رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بەكلا ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
كورلا شەھىرى سېتىشنىڭ ئەنئەنىۋى توپ تارقىتىشتىن كۆپ خىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى، 2023 - يىلى دۇڭفاڭ جېنشۈەن مەخسۇس مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدە ئۈچ سائەتتە 260 توننا نەشپۈت سېتىش پۈتۈشۈش سوممىسى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. «نۆۋەتتە، بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەردە كورلا نەشپۈتى سېتىش تور نۇقتىسى قۇرۇلدى ھەم دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى» دېدى ۋاڭ بو.
خوتەن ۋىلايىتى تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بازار ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرنى تونۇشتۇرۇپ سېتىپ، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرىلىرىدا، 2025 - يىللىق «خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرى» تيەنجىن ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، خوتەندىن كەلگەن 80 نەچچە كارخانا خوتەننىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «ئىستېمال ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش + پوچتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا + يۇغۇرما تاراتقۇ تەشۋىقاتى» يېڭى مېخانىزمى يۇغۇرۇلۇپ، «TV چوڭ بازىرى» يۇغۇرما تاراتقۇ پىروگراممىلىرى، مەيدان كۆرۈنۈشلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش رايونى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، «پوچتا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» «ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا بىۋاسىتە تارقىتىش» قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق تور سىرتىدا ھېس قىلىش، توردا زاكاز چۈشۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتكە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستېمال تەسىراتى ۋە داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.






