تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئانارلار قىزاردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ لېي، گو لىڭ

«بۇ مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياسىغان <قىزىل ئانار>، بۇنى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا تەقدىم قىلىمەن».

كۈزدىكى قەشقەر، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچى - سىرتىدا مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىچى - سىرتى قاينام - تاشقىنلىققا تولغانىدى. قەشقەردىكى مىس جابدۇق ياساش ھۈنىرىنىڭ 6 - ئەۋلاد ۋارىسى ئابدۇرېھىم ئېلى يېقىندا ياساپ پۈتتۈرگەن مىس جابدۇق ئەسىرىنى پەخىرلەنگەن ھالدا كۆتۈردى.

مىستىن ياسالغان بۇ چوڭ ئانار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى ھېسابلىنىدۇ.

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن يەكەن دەرياسى بويىغىچە، مەدەنىيەت - ساياھەت كوچا رايونلىرىدىن يېزا - كەنتلەردىكى ھويلا - ئارانلارغىچە يول بويى مېڭىپ، يول بويى ئاڭلاپ، يول بويى كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا دائىم ئېچىلىپ، رەڭدار پورەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش ئىتتىپاقلىق روھىنى مۇجەسسەملىدى

«سىز ماڭا ياردەملىشىپ يەر ئاغدۇرۇشۇپ بېرىڭ، مەن سىزگە ياردەملىشىپ كالا، قويلارنى بېقىشىپ بېرەي»... 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرىدىكى «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدىن شادىيانە ناخشا سادالىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھويلىدىكى ئۇزۇن ئۈستەلگە خىلمۇخىل پېچىنە - پىرەنىك، مېۋىلەر لىق تىزىلغان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن، زىبۇ - زىننەتلىرىنى تاقىغان ئاھالىلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، مۇڭداشتى، قىزغىن سۆھبەتلەشتى، كۆپچىلىك يەنە ئۇسسۇلغا چۈشتى.

«قۇرجالىقلار»نىڭ مەنبەسىنى 1861 - يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا 40 نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقان بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ جايدىكى قازاق مىللىتى قاتارلىق چارۋىچىلار بىلەن قوشنا بولۇپ، بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ، كۆپىيىپ، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ ھەر مىللەتتىن بولغان 3000دىن ئارتۇق كىشى ئورتاق ياشايدىغان ماكانغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى جانلىق ئۈلگىگە ئايلاندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، «ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش» روھى بۇ جايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، «قۇرجالىقلار»دىكى كىشىلەر ھەمىشە ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، بىر يەرگە جەم بولىدۇ. مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىنىڭ مەسئۇلى لى خۇڭشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قىممەتلىك دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.

ئالتاي يايلىقىدىكى «قۇرجالىقلار»نىڭ ئىللىقلىققا تولغان ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتىدىن پامىر ئېگىزلىكىدىكى قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق داستانىغىچە، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتۈش، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت تەسىرلىك مېلودىيەسى ياڭرىدى. 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش − قىزىلسۇ ئوبلاستى باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىگە كەلدى، كۆرگەزمە زالىدا قىرغىزلارنىڭ ھەيۋەتلىك قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» ئېيتىشىشى ئورۇنلىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭدا قەھرىمان ماناس ھەم ئۇنىڭ يەتتە ئەۋلادىنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان قېرىنداشلىرىنى باشلاپ سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا ۋە ھەر خىل رەزىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن. شادىيانە قومۇز ۋە لەرزان ئېغىز چالغۇسى ساداسى ئىچىدە، ماناس ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى بىلەن ھېسسىياتى بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئېيتىۋاتاتتى، ھەربىر مىسراغا مىللەتنىڭ ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن، ھەربىر بۆلەك مېلودىيەگە ئىتتىپاقلىق كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

«<ماناس> جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى.» 95 - يىللاردا تۇغۇلغان قىرغىز ياش تىلىۋالدى بەيشيەنناخۇن ماناسچى بولۇپ، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ماناس» زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، قەدىمكى بىلەن بۈگۈننى باغلايدىغان، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت كۆۋرۈكىگە ئايلاندى.

جياڭسۇلۇق ساياھەتچى راۋ خۇڭ ماناسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «گەرچە ماناسنىڭ تېكىستىنى چۈشەنمىسەممۇ، ئۇنىڭ مېلودىيەسىدىن بىر خىل كۈچنى ھېس قىلالىدىم، بۇ خىل كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ئىكەن».

مائارىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىتتىپاقلىق مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش

ئالتۇن شىرلار ئويناقشىپ، داقا - دۇمباقلار جاراڭلىق چېلىندى، كۆرگەندە غەيرەت بېغىشلايتتى، ئاڭلىغاندا ئىلھام بېغىشلايتتى. 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇ ناھىيەدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شىر پادىشاھ چېمپيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغانلار گۇاڭجوۋغا بېرىپ «شىر پادىشاھ»لىقنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايتتى. لىڭنەندىن كەلگەن ئويغانغان شىر مەدەنىيىتى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

5 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەسئەت ھۈسەن مۇنداق دېدى: «شىر ئۇسسۇلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار».

6 - يىللىق 1 - سىنىپنىڭ مۇزىكا دەرسىدە، نۇرئەلى باتۇر سېۋەتنى ئېلىپ، يۆجۈ تىياتىرى «لىجىغا مەدھىيە»نىڭ ئاھاڭىغا تەقلىد قىلىپ، «لىجى ساتىمەن» دېيىشى بىلەن تەڭ سىنىپتا كۈلكە ساداسى ياڭرىدى. گۇاڭدۇڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى پەن كاڭيوۋ ئۆيىدە قۇرۇتقان لىجى قېقىنى ئېلىپ كېلىپ، بالىلارغا كۈي ۋە مېۋە ھىدى ئىچىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

مەكتەپ مۇدىرى پاتىگۈل ياسىن مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، قەغەز قىيما، كەشتىچىلىك، خەتتاتلىق، يىڭگې ئۇسسۇلى قاتارلىق كۇرۇژۇك دەرسلىرىنى تەسىس قىلدى. «مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«لىڭنەندىكى ئويغانغان شىر»نىڭ دۇمباق ساداسى كوناشەھەر ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ياڭرىغاندا، ئاتۇش شەھىرى كۇنشەن يۈسەي مەكتىپىنىڭ ھويلىسىدا تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان بىر مەيدان مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش مېلودىيەسى ياڭراۋاتاتتى. 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بۇ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى گو شياۋدۇڭ ساۋاقداشلارنى باشلاپ مۇزىكىلىق تىياتىر رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى، بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، بەزىلىرى گىتار چالسا، بەزىلىرى جاز دۇمباق چېلىۋاتاتتى، رىتىم تېز بولۇپ، جۇشقۇنلۇققا تولغانىدى.

كۇنيۈ بىناسىدا، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ساپال بۇيۇملارنى ياساۋاتاتتى، كىلاسسىك ئۇسسۇل مەشىق قىلىۋاتاتتى، كۇنچۈ تىياتىرىدىن ئارىيە ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى... تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەنسەي بەل دۇمبىقى چېلىش ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتتى. قىزىل شايىلار لەپىلدەپ تۇراتتى، دۇمباق ئاۋازى ئەتراپنى لەرزىگە سالغانىدى، ساۋاقداشلارنىڭ ھەرىكىتى بىردەك رەتلىك بولۇپ، كۈچ ۋە گۈزەللىك ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. مەكتەپ ھويلىسىدا، شوخ، ئوماق ئوبراز ئەلچىسى «ئانار بالا»، كۇنشەن ئېلېمېنتى ئويۇلغان مەنزىرە تاشلارنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەكتەپنىڭ «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، قابىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت مەكتەپ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

كۇنشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاتۇش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۇنشەن شەھىرى شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى «ئاساس سېلىش قۇرۇلۇشى» «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» «كەلگۈسى قۇرۇلۇش» قىلىپ، سىجىل كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، قاتتىق دېتال جەھەتتە قوللاشتىن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقىچە، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك ئۆگىنىش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىي قىلىپ، ئىتتىپاقلىق مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

ھەر يىلى قار پەسلىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بەس - بەستە ئالتايغا يىغىلىپ، قار ئۈستىدە قانغۇچە قار تېيىلىدۇ.

ئۇلار زامانىۋى چاڭغىغا دەسسەپ، تاغ چوققىسىدىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىدۇ. ئالتاي شەھەر رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى لاستى يېزىسىنىڭ لاستى كەنتىدە، 71 ياشلىق بوۋاي سىلامبېك ساقاش يەنىلا ئۈن - تىنسىز ھالدا تېرە چاڭغىنى پۈتۈنلەي قولدا ياساش قەدىمىي ھۈنىرىنى چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە.

15 يېشىدىن باشلاپ، سىلامبېك دادىسىغا ئەگىشىپ تېرە چاڭغا ياساشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قانچىلىك چاڭغا ياسىغانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ. «تېرە چاڭغا ياساشتا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ناھايىتى كۆپ، ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، تاختاي يۇمشاقراق بولۇشى كېرەك...» سىلامبېك بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە، ئۇ سەل تارتىنغانىدى، لېكىن چاڭغا ياساش تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا ئۇ بىمالال پاراڭلىشىشقا باشلىدى.

سىلامبېك: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قار تېيىلىش پائالىيىتىدىكى «تىرىك تاشقاتما» بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېرە چاڭغا ياساشتىن ئىبارەت بۇ ھۈنەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ، ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى، جەزمەن ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. شۇڭا، ئۇ ئوغلى قۇۋاش سىلامبېككە چاڭغا ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن شاگىرت قوبۇل قىلىپ، كەنتتىكى ياشلار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ھەۋەسكارلارغا ئۆگەتمەكتە.

بۇ قەدىمىي ھۈنەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىلامبېك دائىم ئۆزى ياسىغان چاڭغىلارنى ھەرقايسى جايلارغا ئېلىپ بېرىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى، يەنە ئۆيىدە كىچىك تىپتىكى كۆرگەزمىخانا قۇرۇپ، ئۇنىڭغا چاڭغا ياساش سايمانلىرى ۋە تەييار تېرە چاڭغا قاتارلىقلارنى تىزىپلا قالماي، يەنە چاڭغا ياساش تەرتىپىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. «ساياھەتچىلەر كەلسىلا، مەن ئۇلارغا چاڭغا ياساش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ھەمبەھرىلەيمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى تېرە چاڭغىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، تېرە چاڭغا توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى مەن ئىزچىل سۆزلەيمەن.

بۈگۈنكى كۈندە، سىلامبېكنىڭ ھۈنەرخانىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالتاي سەپىرىدىكى مۇھىم داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كىرىم يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەدىمىي ھۈنەر - سەنئەتنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

يېڭىسار ناھىيەسىدە، شۇ جاينىڭ خاس قەلەمتىرىشى ۋە ساپال بۇيۇملىرى ئوخشاشلا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يېڭىسار قەلەمتىرىشى كامالەتكە يەتكەن قۇيۇش ھۈنەر - سەنئىتى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ياساش ھۈنەر - سەنئىتى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇ جاي «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىپ، ھەم ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى ئېچىپ بەردى.

ئوخشاشلا ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېڭىسار ساپال بۇيۇملىرىمۇ بۈگۈنكى كۈندە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تەرەققىي قىلىپ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندى. 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ساپال بۇيۇملار كەنتىدە، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئابدۇراخمان مەمتىمىن راسلانمىنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ شەكىل چىقىرىشنى ئۇستىلىق بىلەن كۆرسىتىۋاتاتتى، بىردەمدىلا، لايدىن ياسالغان چەينەكنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ھاسىل بولدى. ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ دۇكىنىدا، پۈتۈن جەرياننى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزى ياساپ ھېس قىلسا بولىدۇ.

«ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتلەر ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنىڭ جەۋھىرى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنىڭ جانلىق تەسۋىرى.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لى مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ئىقتىسادنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مائارىپ ئاساسىنى پۇختىلاش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يىمىرىلمەس كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە قول تۇتۇشۇپ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.