تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈز يىللىق «قۇرجالىقلار» ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىتتىپاقلىق مېھرى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىدىكى «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلىرىنى تاقىغان بىرنەچچە ئاھالە «چاچقۇ» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قەنت - گېزەك، پېچىنە - پىرەنىك، قۇرۇت قاتارلىقلارنى كۆپچىلىككە چېچىشقا باشلىدى، نەق مەيدان بىردىنلا قىزىپ كەتتى.

«چاچقۇ» قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتىدىكى مۇھىم مۇراسىم بولۇپ، يېمەكلىك چېچىش ئارقىلىق بەخت تىلەيدۇ. «چاچقۇ» نېمە ئۈچۈن «قۇرجالىقلار» ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؟ «قۇرجالىقلار» كىمنى كۆرسىتىدۇ؟

ئانچە چوڭ بولمىغان قورۇ ئىچى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قىزغىن نامايان قىلدى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىنىڭ مەسئۇلى لى خۇڭشيۇ كۆپچىلىككە «قۇرجالىقلار»نىڭ تارىخىنى تونۇشتۇردى.

«قازاق ئاھالىلەر كۆچۈپ كەلگەن خەنزۇ دېھقانلارنى <قۇرجالىقلار> دەپ ئاتايدۇ.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، گەنسۇ، شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلاردىكى 40 نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقان قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن بۇ يەرگە كەلگەن، ئۇلار ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلغان. تاغدا چارۋا باقىدىغان قازاق چارۋىچىلار دائىم تاغدىن چۈشۈپ، ئۇلار بىلەن كالا - قويلىرىنى ئۇن قاتارلىقلارغا ئالماشتۇرغان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆپچىلىك ئاستا - ئاستا دوست بولۇپ قالغان. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئۇلارنى «قۇرجالىقلار» يەنى «دېھقانچىلىقنى بىلىدىغان، يەر تېرىشنى بىلىدىغان دېھقانلار» دەپ ئاتىغان.

ھويلىدىكى «قۇرجالىقلار» خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، تامدىكى بىر پارچە سۈرەت كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ سۈرەت 1954 - يىلى تارتىلغان بولۇپ، لى خۇڭشيۇنىڭ ئېرىنىڭ بوۋىسى ساۋ گۇاڭيوۋ ئائىلىسىدىكى 25 كىشىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى ئىدى.

«بوۋام ئىلگىرى تۆت قازاق يېتىم بالىنى بېقىۋېلىپ ئۇلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئىكەن.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: «قۇرجالىقلار»دا ئائىلە ئەزالىرى ئۈچ - تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ.

ئاسىيە باقچار ساۋ گۇاڭيوۋ بېقىۋالغان قازاق يېتىم بالىنىڭ ئەۋلادى. «ئاپام قازاق مىللىتىدىن، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسى بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ كېتىپ، بوۋام ساۋ گۇاڭيوۋ ئۇنى بېقىۋالغان ئىكەن. مېنىڭ ئاپام خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان دادامغا ياتلىق بولغان ئىكەن، ئائىلىمىز ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان.» ئاسىيەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ كۆپ مىللەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، پېشقەدەملەرنىڭ سېنىڭ، مېنىڭ دەپ ئايرىمايدىغان، قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان روھى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيە يەنە ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، كېسەل بولۇپ قالغان قوشنىلىرىنىڭ ھالىدىن يىل بويى خەۋەر ئالدى، ئەنئەنىۋى ئۆسۈملۈك دورا بىلىملىرى ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتتى، «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىنى يېتىم، مېيىپ بالىلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش پوپايكىسى توقۇش قاتارلىقلارغا تەشكىللىدى.

2012 - يىلى، لى خۇڭشيۇ «قۇرجالىقلار» بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىپ «پېشقەدەم قۇرجالىقلار»نىڭ كونا تۇرالغۇسىدىن پايدىلىنىپ، «قۇرجالىقلار» خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتۈش ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، بۇ جاي يەنە تەرەققىي قىلىپ «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا ئايلاندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. لى خۇڭشيۇ ھەم باشقۇرغۇچى، ھەم چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى، كونا بۇيۇملاردىكى خاتىرە قاتارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

«<قۇرجالىقلار> ئالتاينىڭ كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.» ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇلان ئىبرايقان مۇنداق تونۇشتۇردى: شۇ جايدىكى مەكتەپلەر ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا كىرىپ، «قۇرجالىقلار»نىڭ تارىخى ۋە ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا تەشكىللەيدۇ.

يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلادنى باشتىن كەچۈرگەن «قۇرجالىقلار» تەرەققىي قىلىپ، سەككىز مىللەتتىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان «چوڭ ئائىلە»گە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قېتىملىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا «قۇرجالىقلار» دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ. «<ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش> روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك خېلى بۇرۇنلا بىر - بىرىگە سىڭىشىپ كەتتى، «چاچقۇ» قازاق مىللىتىگە خاس بولغان بەخت تىلەشتىن «قۇرجالىقلار»نىڭ ئورتاق مۇراسىمىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «چاچقۇ»دا چېچىلغىنى قەنت - گېزەك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «قۇرجالىقلار»دىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشىنىڭ دەلىلى ئىكەن.

«ئىناقلىق يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، <قۇرجالىقلار>دىكى ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكى سالدى...» كۆپچىلىك «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدىن ئايرىلغاندا، «قۇرجالىقلار» ناخشا ئېيتتى، ناخشا ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.