تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى ئالقات يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كىرىپ، جىڭ ئالقات كەسپىنىڭ تېرىقچىلىق، ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدە زىيارەتتە بولدى.
جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتى ئالقات يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئوبوروتى، كۆچەت بىلەن تەمىنلەش، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىش، مەبلەغ تارقىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى تۇنجى قېتىم يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، 6350 مو يەرنى كەنت كوللېكتىپىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى. ھازىر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا 6350 مو ئالقات تېرىش ۋەزىپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىچىك يوپۇرماقلىق سەي كاۋىسى، لازا، خاسىڭ قاتارلىق 6250 مو خاس زىرائەت كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى ئالقاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ 16 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە سېتىۋېلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشۇرۇلدى.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى دېھقانلار ئالقات مېۋىسى ئۈزمەكتە. (9-ئاينىڭ 11-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى دېھقانلار ئالقات مېۋىسى ئۈزمەكتە. (9-ئاينىڭ 11-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
جىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مېڭكېبۇيىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئىلگىرى ئالقاتنىڭ كۆپىنچىسىنى دېھقانلار كىچىك كۆلەمدە تارقاق تېرىيتتى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى يىرىك، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى. ھازىر ئالقات ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى يەنىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلدى، 2022-يىلىدىن باشلاپ، <پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، دۆلەت كارخانىلىرى يېتەكلەش، پۇقراۋى كارخانىلار قاتنىشىش، بازار، كەنت مۇلازىمەت قىلىش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىش، دېھقانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش>تىن ئىبارەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، ئالقات ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا <ئالتىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش> (يەنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەش، تېخنىكا جەھەتتىن بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سۈپەتنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، بىرتۇتاش يىغىپ سېتىش، ئائىلىلەر بويىچە باشقۇرۇش) يولغا قويۇلۇپ، بارلىق ئالقاتنىڭ سۈپىتى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مىڭ مو يېشىل ئالقات يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ موسى يېشىل ئالقات مەھسۇلاتى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى».
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى دېھقان يېڭىلا ئۈزگەن ئالقات مېۋىسىنى كۆرسەتمەكتە.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر يېڭى ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىگىلىدى.

9ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى دېھقانلار يېڭى ئالقات مېۋىسى ئۈزمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئالقاتنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە كۈچىشىنى چۆرىدەپ، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، پىششىقلاشتا يېڭىلىق يارىتىش، بازارنى كېڭەيتىش ۋە سۈپەتلىك ماركا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالقات 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2025-يىلى 4-ئايدا «جىڭ ئالقېتى» جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى بولۇپ رەسمىي بېكىتىلدى ھەم قوغدالدى.






