□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
پەقەت 0.01 سېكۇنتتىلا شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ توكىنى 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئەنخۇيگە چاقماق تېزلىكىدە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جۇمۇلاڭما چوققىسى»غا تىرەك بولىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى توك بېسىمى دەرىجىسىدىكى توك يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى شىنجاڭ ياسىدى؛ «چاڭجىنخۇ» «سەرگەردان يەرشارى» قاتارلىق 3000دىن ئارتۇق كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى قارامايدا كىرىشتۈرۈلدى...
9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، زىيارەت كوللېكتىپىدىكىلەر ئېتىز بېشىغا، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا «يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگەن»لىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
ئېتىزدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى «يېتىلدى»
قوناقلىقنىڭ يېنىدا، مېتېئورولوگىيە نەملىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش پونكىتى تۇپراقنىڭ نەملىك دەرىجىسى، كىسلاتا - ئىشقارلىق قىممىتى قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ - ئۆلچەپ تۇراتتى؛ نەرسە تورى ئاپتوماتىك ھاشارات ئەھۋالى ئۇچۇرىنى توپلاش ئۈسكۈنىسى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنى دەل جايىدا مۆلچەرلىيەلەيدۇ.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا كىرگىنىمىزدە، باش تەرىپىمىزدە كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى بار يېزا ئىگىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى «ئېتىزدا باش كۆتۈرمەي ئىشلەش»تەك تارىخ بىلەن خېلى بۇرۇنلا خوشلاشتى.
جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىقى بۇغداي، قوناق، پاختا، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات يېڭى سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش ھەم بازار مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقىدىكى باشلامچى، دۆلەت ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى بويىچە ئەلالىرىنى نۇقتىلىق يۆلەش كارخانىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، ئەمما بىر تال ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن تەس بولۇپ، سەككىز يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىقى پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنى تاللاش، گېن تەھرىرلەش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى بىيوتېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋاقتىنى سىجىل قىسقارتىش، تەننەرخنى سىجىل تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولدى.
«ئىلگىرى، ئۇرۇق تاللاپ يېتىشتۈرۈشتە توختىماي شالغۇتلاشتۇرۇش، ئۆزىدىن چېتىشتۇرۇش، يەنە شالغۇتلاشتۇرۇش، ئۆزىدىن چېتىشتۇرۇش بويىچە ئايلاندۇراتتۇق. ھازىر بىز ناچار گېن بۆلەكلىرىنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىپ، تەجرىبىخانىدا چىقىرىۋېتىپ، ئەلا گېننى كىرگۈزسەك، شالغۇتلاشتۇرۇش ۋاقتىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قىسقارتىپ، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى %20 تىن %30 كىچە تۆۋەنلىتەلەيمىز» دېدى جيۇشېڭخې پاي كونترول گورۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىر شې گاڭ.
ئەلا ھالەتتىكى ئۇرۇقنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئېتىزغا بېرىپ بىر - بىرلەپ چاڭلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى؛ ھازىر، تەجرىبىخانىدا چوڭ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىپ ماسلاشتۇرۇپ، مۆجىزە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار گۇرۇپپىلارنى تاللاپ چىققىلى بولىدۇ.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئېتىزلارغا «تېرىش»تا، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىقى ۋەكىل خاراكتېرلىك كارخانىلارنىڭ بىرى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئوبلاست بويىچە تېرىقچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %98.5كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 3 مىليون 800 مىڭ مو ئېتىزدا سۇغىرىش - ئوغۇتلاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر تۈپ زىرائەتنىڭ ھەممىسى زاكازلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، قانداق ئوغۇت كەمچىل، قانچىلىك سۇغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سېنزوردا بىر ئۆلچەپلا بىلگىلى بولىدۇ، دېھقانلار پەقەت بىر يان تېلېفون بولسىلا، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا 1000 مو مۇنبەت ئېتىزنى «تىزگىنلىيەلەيدۇ».
بۈگۈنكى كۈندە، سانجىدىكى ئېتىز باشلىرىغا بارغاندا، پەن - تېخنىكا تۇيغۇسى ھەممە جاينى قاپلىغان بولۇپ، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كەڭ كۆلەمدە سىڭىپ كىرگەنىدى.
زاۋۇتلار يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى «بەرپا قىلدى»
دۇنيا بويىچە تۇنجى يوللاش تېرمىنالى 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى نۆۋەتتە ساھە بويىچە ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولغان شەرقىي جۇڭغار−جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلدى؛ دۇنيا بويىچە تۇنجى 1000 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر كۈچى تىرانسفورموتورى دۇنيا بويىچە تۇنجى سودا خاراكتېرلىك يۈرۈشتۈرۈلگەن 1000 كىلوۋولتلۇق سەنشىنىڭ شەرقىي جەنۇبى - نەنياڭ - جىڭمېن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش تەجرىبە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 15 ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۈردە قوللىنىلدى؛ ساھە بويىچە تۇنجى 800± كىلوۋولتلۇق/ 5000 مېگاۋاتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانى ۋۇدۇڭدې ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن گۇاڭدۇڭ -گۇاڭشىغىچە بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق كۆپ ئۇچلۇق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلدى...
9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرو كەسىپلەر باغچىسىغا بارغاندا، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېخىمۇ كونكرېت نامايان بولدى، بۇ جايدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئون دانە (يۈرۈش)دىن ئارتۇق چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسى ساھە بويىچە تۇنجى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىدى.
ئىشنى مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كوچا كىچىك زاۋۇتىدىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى باشتىن - ئاخىر يېڭىلىق يارىتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، 37 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى، مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى 90دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى دۇنيا ماشىنىسازلىق ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 429 - ئورۇندا، جۇڭگو ماشىنىسازلىق ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 11 - ئورۇندا تۇردى.
كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئامباردا ساقلاش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئۇياق - بۇياققا يۆتكىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ماتېرىياللارنى دەل جايىدا قويۇۋاتقانلىقى - ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، سېختىكى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ھالقىلاردا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئېلېمېنتلىرى ھەممە جاينى قاپلىغانىدى. «رەقەملىك قوش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىمىز بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان زاۋۇتلارنى بەرپا قىلدى» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لىدىر خۇاڭ خەنجيې.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى لۇ جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سانجى ئوبلاستى بۇلتۇر 2 - تۈركۈمدىكى دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش بويىچە سىناق نۇقتا شەھىرى قاتارىغا كىرىپ، 400دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەرمەكتە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق تۆت كارخانا دۆلەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى بولۇپ باھالاندى؛ توپلىشىش ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خاس كەسىپ توپىغا ئايلاندى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە يورۇقلۇق ۋولت توپى دۆلەتنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بوشلۇقتا «يۈگۈردى»
ئېنېرگىيە بوشلۇقتا ماڭدى، توك پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈلدى.
9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بارغىنىمدا، قاتار - قاتار توك يەتكۈزۈش تۆمۈر مۇنارلىرىنىڭ ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، تۆمۈر مۇنارلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىدىكى بىرلەشتۈرۈلگەن ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىرلىرىنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم...
±1100 كىلوۋولتلۇق سانجى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنە تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قول بېغىشى توملۇقىدىكى توك سىملىرى زىچ تورلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ جايدا، شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېشىل توكىنى توپلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئارقىدىن دەرىجىمۇ دەرىجە بېسىم ئاشۇرۇلۇپ، يەنە «بىر - بىرىگە باغلىنىپ» سىرتقا يەتكۈزۈلىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە، ئەنخۇي گۇچۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
«سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئۇدا تۆت يىل سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا باش ئورۇندا تۇرۇپ، كۈندىلىك توك يەتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 250 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى مۇقىم ھالدا 187 مىليون كىلوۋات سائەتتىن يۇقىرى بولدى» دېدى سانجى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭ.
شىنجاڭنىڭ مول يېشىل توك بايلىقىغا تايىنىپ، قاراماي شەھىرى ھېسابلاش ئىقتىدارى يېڭى شەھىرى بەرپا قىلماقتا. قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ئالتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 60 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئاپپارات ئىشكاپىنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمى شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا، غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
2024 - يىلى، جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپلەر كۆرگەزمىسىدە، قاراماي كۆچمە سىن كىرىشتۈرۈش بۇلۇت تۈرى مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى بويىچە ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇنەۋۋەر مىسالى قاتارىغا كىردى. بۇ تۈردە «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەربتە كىرىشتۈرۈش» ئاساس قىلىنغان كىرىشتۈرۈش كۈچى ئۇل ئەسلىھە تەگلىكى بەرپا قىلىنىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كىرىشتۈرۈش ئۈنۈمى %260 ئۆستۈرۈلدى.
ھېسابلاش كۈچى رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.
تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈچلۈك ھېسابلاش كۈچى تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۆۋەن بوشلۇق ھاۋا بوشلۇقى بايلىقى تولۇق، ھاۋارايى شارائىتى مۇقىم، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى مول بولۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.
تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىخەنزە شەھىرى تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، «پۈتۈن كەسىپ + ئاۋىياتسىيە» يېڭى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. شىخەنزە شەھىرىگە ماكانلاشقان سىچۇەن ئۆلكىسى تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى شىنجاڭ تيەنيۈ خاڭتۇڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تولۇق ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە خۇڭيەن (HY100) چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسىغا ئىگە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ شىركەتنىڭ شىخەنزە بازىسى تۆت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تاپشۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل ئىچىدە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تاپشۇرىدىكەن.
ئېتىزدىن زاۋۇتقىچە، ئېلېكتىر تورىدىن بۇلۇت تېرمىنالىغىچە، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولماقتا. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلۇپ، يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسى پۈتۈلىدۇ.






