□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
«ھەر مىللەت خەلق ماكانىنى سۆيىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننى سۆيىدۇ...» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى خور ئېيتىش ئۆيىدە، ياشانغانلار شىڭگۇاڭ خور ئۆمىكى ئۆمەك باشلىقى فېڭ يەنشياڭنىڭ دىرىژورلۇقىدا «يېقىملىق ناخشىمىز بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى 11 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، 1840 ئائىلىلىك بار بولغان، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە. 2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.
باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ياشانغانلار ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مەركىزى، ياش - ئۆسمۈرلەر قىزىقىش سىنىپى، ياشانغانلار خور ئېيتىش ئۆيى، ياشانغانلار ئۇسسۇل ئويناش ئۆيى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق پائالىيەت بازىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، خەتتاتلىق - رەسىم سىزىش، شىچۈ تىياتىرى - ئۇسسۇل، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ياساش، شاھمات، قورشاۋ شاھمات قاتارلىق خاس مەدەنىيەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىدى.
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ياشانغانلار شىڭگۇاڭ خور ئۆمىكى ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، «ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتۈپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق، ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈپ، ۋەتەننى مەدھىيەلەيمىز، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيەلەيمىز» دېدى فېڭ يەنشياڭ.
پەقەت ياشانغانلارنىلا ئەمەس، بۇ جايدىكى مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بالىلارنىمۇ پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
خاسىيەت ئوسمان گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى جۇڭگو مەدەنىيەت ئىلمى دەرسخانىسىنىڭ پىدائىي ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، خەتتاتلىق - رەسىم، جۇڭگو مەدەنىيەت ئىلمى قاتارلىق قىزىقىش سىنىپلىرىنى ئاچتى، ئۇ دائىم مەھەللىدىكى بالىلارنى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش، تارىخىي كىتاب قاتارلىقلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەيتتى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، ئۇ 19 نەپەر بالىنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
12 ياشلىق نازاكەت پەرھاتجان مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن مەھەللىدىكى «كىچىك ئۆسمۈرلەر سارىيى»غا بېرىپ، جۇڭگو مەدەنىيەت ئىلمى، خەتتاتلىق - رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ جىڭجۈ تىياتىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. «دەسلەپتە مەن جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، گىرىمى ۋە ئاھاڭىغا مەپتۇن بولدۇم، كېيىن مۇئەللىمدىن <مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى> <قىزىل چىراغ خاتىرىسى> قاتارلىق ئارىيەلەرنى ئۆگەندىم.» نازاكەت بۇنىڭدىن كېيىن جىڭجۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىملەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ماس كېلىدىغان ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «يۈز ئائىلە زىياپىتى»، قوشنىلار بايرىمى، 24 مەۋسۇم باش تېمىلىق پائالىيىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئىللىق مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا «ھارارەت» قوشتى.
مەھەللە ئاھالىسى ئابدۇللا نۇرمەمەت ھەر يىلدىكى «يۈز ئائىلە زىياپىتى»گە ئەڭ تەقەززا بولىدۇ. «<يۈز ئائىلە زىياپىتى> پائالىيىتىدە، كۆپچىلىك ھەر خىل مەززىلىك تائاملاردىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ، بەختلىك تۇرمۇشى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىدۇ، چوڭ ئائىلە ئىللىقلىقى تولۇپ تاشىدۇ» دېدى ئابدۇللا.
بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ بەختلىك ئەتىگە قاراپ ئاتلانماقتا!






