
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، توپ-توپ ئاق قۇلار سايرام كۆلىدە ئۈزمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشىنى كۆردۈم، بىكارغا ياشىماپتىمەن!» دېدى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاۋ يىمېڭ خۇشال ھالدا. شۇ كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.
بورتالا ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى كۆل، سۇلۇق يەر، يايلاق، ئورمان، قارلىق تاغ، مۇزلۇق ۋە ئەتىۋارلىق قۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيە ئامىللىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەبىئىي مىراسى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ تەستىقلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونى يادرولۇق رايوندىكى 164 مىڭ 500 مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەشنى يولغا قويۇپ، 900 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق چارۋىچى ۋە 200 مىڭ تۇياق چارۋىنى كۆچۈرۈپ چىقتى؛ تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، كۆل ئەتراپىغا يەرگە كۆمۈلىدىغان ئېلېكتىر، توكلىغۇچ ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، ۋېلىسىپىت، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق تۆۋەن كاربونلۇق ساياھەت قاتناش قوراللىرىنى ئىشلەتتى؛ كۆل ئەتراپىدىكى 45 مىڭ مو ئوچۇق يەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يايلاقنى ياخشىلاشنى تاماملىدى، 164 مىڭ 500 مو يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ 35 كىلومېتىر قىرغاقنى ئېكولوگىيەلىك قوغداشنى تاماملىدى، كۆلگە قۇيۇلىدىغان سەككىز دەريا ئېقىنىنىڭ 68 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئېرىق ئارقىلىق تۈزەشنى يولغا قويدى؛ ئۇل ئەسلىھەلەرگە جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق سايرام كۆلىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى چېكىنگەن يايلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، مەنزىرە رايونى يادرولۇق رايونىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
بورتالا ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇ رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سايرام كۆلى باشتىن-ئاخىر «تەبىئىي بولۇش، تەبىئەتكە قايتىش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق قوغداشنى يولغا قويۇش، ئەڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەڭ ئىلمىي بولغان تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. ھازىر، سايرام كۆلىنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى 2-تۈرگە مۇقىملاشتى. 2023-يىلى ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر تىپىك مىسالىغا تاللىنىپ، كۆل ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىچىسىگە ئايلىنىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل ۋە ئىقتىسادى گۈللەنگەن بولۇشتەك ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى ئېچىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك قوش يۆنىلىشلىك يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىرغا قەدەر سايرام كۆلى بۇ يىل كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6 مىليون 373 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %15 ئاشقان.


9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر تۈلكە سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.






