تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى بولۇشقا، كۈچلۈك بولۇشقا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

​− ئۈچ ئېغىر سانائەت كارخانىسىدىن «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»غا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جاۋ يۆ

پولاتنى سوغۇق ھالەتتە بازغانلاش تېخنىكىسىنىڭ يارىتىلىشى ئاليومىنلىق پولات تاۋلاشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئالدىن كۈچىنىشچان بېتونغا ئىشلىتىلىدىغان پولات تاياقچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى شىنجاڭدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، دۇنيا بويىچە تۇنجى سانائەت دەرىجىلىك مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما ئوكسىگېنلىق دومنا پېچ يىلىغا 600 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەردى، بۇ، 700 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەنە بىر ئورمانلىق بەرپا قىلغانغا باراۋەر... شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ باگاڭ شىركىتى دېيىلدى)نىڭ تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

باگاڭ شىركىتى 1951 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بەرپا قىلىنغان تۇنجى يەرلىك پولات - تۆمۈر كارخانىسى. باگاڭ شىركىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ بىر تال تۆمۈر مىخنىمۇ ياسىيالمايتتى. ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ زامانىۋى پولات - تۆمۈر كارخانىسى پەقەت سەككىز ئاي ۋاقىتتىلا تۇنجى پېچ تۆمۈر ئېرىتمىسىنى تاۋلاپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرالماسلىق تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال پولات - تۆمۈر سانائىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 70 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ھازىرقى باگاڭ شىركىتى شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ، مەھسۇلات تۈرى ئەڭ تولۇق پولات - تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلاندى. باگاڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭدىكى زامانىۋىلاشقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكى باگاڭ شىركىتى ۋە شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئۈچ ئېغىر سانائەت كارخانىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»نىڭ جەلپكارلىقى ۋە سالاپىتىنى ھېس قىلدى.

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى تاۋلاپ چىقىش

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تارىخ سارىيىدىكى كونا سۈرەتلەردە پىشقەدەم بىر ئەۋلاد باگاڭلىقلارنىڭ ياشلىق قىياپىتى خاتىرىلەنگەنىدى.

«زاۋۇت قۇرۇلغان ئاشۇ چاغدا، بىز رۇدا قازغان، زاۋۇت ئۆيى سالغانىدۇق، ھەممەيلەن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغانىدى...» پېشقەدەم ئىشچى جاڭ ئەينيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: تۇنجى پېچ تۆمۈر ئېرىتمىسىنى تاۋلاپ چىققاندا، كۆپچىلىك ھاياجانلانغانلىقىدىن سەكرەپ كەتتى، «بۇ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم زامانىۋى ھۈنەر - سەنئەت ئارقىلىق تاۋلاپ چىقىلغان تۆمۈر ئېرىتمىسى بولۇپ، باگاڭنىڭ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى».

باگاڭ شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىنژېنېرى لى زىۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: 1952 - يىلى، باگاڭ تۇنجى پېچ تۆمۈر، تۇنجى پېچ پولاتنى تاۋلاپ چىقتى ھەم كەينى - كەينىدىن تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەشتە ئىشلىتىلىدىغان ساپان چىشى، تىراكتور زەنجىر تاپىنىنىڭ تاختىسىمان قىسمى، ئاپتوموبىلنىڭ پۇرژىنىلىق پولات تاختىسى، ئارقا ئوق كىيدۈرمە تۇرۇبىغا ئىشلىتىلىدىغان پولاتنى ئىشلەپچىقاردى، 1957 - يىلى يىلىغا 50 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پولات - تۆمۈرگە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، باگاڭ شىركىتى شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى مۇھىم پولات - تۆمۈر تەمىنات بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

«جياڭجۈن ۋاڭ جېن باگاڭ زاۋۇتىغا <جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى بەرپا قىلايلى> دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، بۇ، باگاڭ شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن يىلتىز ۋە روھ.» باگاڭ شىركىتى پارتىيە كومىتېتىىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور خې يۈچېڭ مۇنداق دېدى: مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن باگاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بازارنى قولغا كەلتۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى.

«باگاڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.» 2011 - يىلى شىنجاڭغا ماكانلىشىپ ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقارغان شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى شىنلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»غا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشتا، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتتۇق. 2012 - يىلى، شىركىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلدى، ھازىرغىچە، شىركىتىمىز جەمئىي 42 مىڭ ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە سېتىپ، 12 مىليارد 440 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىركىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 403كە يەتتى.

يېڭى بولۇشقا، كۈچلۈك بولۇشقا يۈزلىنىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش

ياسىمىچىلىق بىر دۆلەت، بىر رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ بارومېتىرى. كۈچلۈك ياسىمىچىلىق كەسپى زامانىۋى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ۋە تايانچلىرىنىڭ بىرى.

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش باشتىن - ئاخىر باگاڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلدى. 1985 - يىلى، باگاڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇدا كۆپ يىل ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن 2000 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىگىچە، باگاڭ شىركىتى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق سىستېما يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا A پېيىنى بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، باگاڭ شىركىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇل تاش.

جۇڭگو باۋۋۇ گۇرۇھىغا سىڭىشىش باگاڭ شىركىتىنى ئۇچقاندەك پەرۋاز قىلىدىغان قاناتقا ئىگە قىلىپ، باگاڭ شىركىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. 2007 - يىلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى باۋگاڭ گۇرۇھ شىركىتى باگاڭ شىركىتىنى جەمئىي 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. باگاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەڭشەش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تېخنىكا جابدۇقلىرى سەۋىيەسىنى تېز سۈرئەتتە چوڭ تىپتىكى، زامانىۋىلاشقان سەپكە كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇردى.

«پەقەت يېڭى بولۇشقا، كۈچلۈك بولۇشقا يۈزلەنگەندىلا، كارخانا ئاندىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.» 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات لايىھەلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن كۇي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 2015 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەتقىق قىلىپ ئاچقان، ياسىغان تونېل قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئۈرۈمچى مېتروسى ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپ تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا قاتناشتۇرۇلدى. 2018 - يىلى، شىركىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك تىپ ئۆزگەرتىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساھەسىگە كىردى، نۆۋەتتە پاختا يىغىش ماشىنىسى، سىلوس يىغىش ماشىنىسى، شوخلا يىغىش ماشىنىسى، ئوت - چۆپ تايلاش ماشىنىسى، كۆكباش قوناق ماشىنىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلات شەكىللىنىپ، پاختا، كۆممىقوناق قاتارلىق خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى قاپلاپ، چەت ئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى، شوخلا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىغا بولغان مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېكسپورت قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش - تايلاش ماشىنىسى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش» نەتىجىسى ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش

«كەسىپلەرنىڭ ئەۋرىشىملىكى سىجىل ئاشتى، كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشتە مىقدار بىلەن سۈپەت تەڭ ئاشتى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تېز ئۇرغۇتۇلدى، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى...» 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشىنى تونۇشتۇردى.

«كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پائال سىرتقا چىقىپ، ياخشى باشلامچى بولىمىز.» خې يۈچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باگاڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆمۈر، تۆمۈر كان بايلىقىنى پائال بىرىكتۈرۈش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆمۈر، تۆمۈر بايلىقىدىن كۈچەپ ياخشى پايدىلىنىشقا كىرىشىپ، پولات ماتېرىياللىرى ئېكسپورت خىزمىتىنى زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، يولغا قويۇلغان مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما دومنا پېچتا كاربون ئازايتىش ۋە ئوۋيې پېچى چوققىسىدىكى كۆمۈر گازىدىن قايتا پايدىلىنىش ھەم كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىپ ئايرىش قاتارلىق تېخنىكىلار ھەر يىلى كاربوننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.

«تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان تىپى ھەمدە خېرىدارلار سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ تەسىر كۈچى ھەم بازاردا ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايدى ۋە ئەلالاشتى. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىركىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي ئامېرىكىغىچە كېڭەيدى» دېدى سۈن كۇي.

شى شىنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىركىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش، ئېكسپورت مىقدارىدا كەينى - كەينىدىن يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، «بىزنىڭ چەت ئەل بازارلىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە <شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى>نىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.