تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش | 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى «يېڭى بولۇش» «ئاقىل بولۇش» «يېشىل بولۇش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتتى

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق پىروكاتلاش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم كونترول ئۆيىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق پىروكاتلاش سېخىغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى رۇي فوتوسى ۋە خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 8- كۈنى، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا شانلىق سەھىپە پۈتۈش» چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر كارخانىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش مۇساپىسىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭ سانائىتىنىڭ «يېڭى بولۇش» «ئاقىل بولۇش» «يېشىل بولۇش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى ئىگىلىدى.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق پىروكاتلاش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان سوغۇق پىروكاتلانغان پولات ئورالمىنى تەكشۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

     70 نەچچە يىللىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھازىر 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر باش ئىشتابى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پولات-تۆمۈر شىركىتى، ئىلى پولات-تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنداقلا كوكس كۆمۈرى گۇرۇھى، 1-ئاۋغۇست كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق بايلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى شەكىللەندۈردى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىليون توننا دەرىجىسىگە يېتىپ، شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ، مەھسۇلات تۈرى ئەڭ تولۇق پولات-تۆمۈر كارخانىسى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.