9-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2025-يىللىق خوتەن شەھىرىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەكتىپىنىڭ «تۆت پەسىل لاگېرى» تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھەت پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلدى، خوتەن شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 500 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن چىقىپ، نەق مەيدانلارغا بېرىپ، ھەم بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەم مەدەنىيەت ھېس قىلىشتىن ئىبارەت كۈز پەسىللىك تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى سەپىرىنى باشلىدى.

كۆپچىلىك خوتەن تۇەنچېڭدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھەت پائالىيىتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى خوتەن شەھەرلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان، خوتەن يۈدوۋ مەدەنىيەت-ساياھەت چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۈچ تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسىگە بۆلۈنۈپ، خوتەن تۇەنچېڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېما تەشۋىقات-تەربىيە سارىيى، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي، يوتقان قەدىمىي شەھىرى، قاراقاش كونا شەھىرى، 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاش، ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق ساياھەت ئۆگىنىش شەكلى، چۆكۈش شەكلىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

كۆپچىلىك خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېيدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماقتا.
ئوقۇغۇچى ئەقىدە ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى بەك ئەھمىيەتلىك بولدى! يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە، مەن خۇددى قەدىمكى دەۋردىكى خوتەننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەينى يىللاردىكى ئاۋاتلىقنى كۆرگەندەك بولدۇم؛ خاتىرە سارىيىغا بارغاندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە تاغىلىرىمىزنىڭ خوتەنگە پىيادە يۈرۈش قىلغان جاپالىق ھېكايىلىرىدىن كۆز چاناقلىرىم قىزاردى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ياخشى ئۆگىنىپ، بىلىم ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى قوغدايمەن».

كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماقتا.
ئوقۇغۇچى ئايشە ئابدۇخەبەر مۇنداق دېدى: «دەرسلىكتىكى يۇرتۇم ناھايىتى ئابستراكت بىلىنەتتى، لېكىن بۇ قېتىمقى تەتقىقات-ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جەلىپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، تۇەنچېڭنىڭ ئۆزگىچە <ئايۋان> قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، مۇزېيدا تارىخنى جىمجىت بايان قىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كۇتۇپخانىدىكى مول كىتابلار ماڭا يۇرتۇمنىڭ ھەم قەدىمىي، ھەم ياش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، مەن ئۆزۈمنىڭ خوتەنلىك بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن»!
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






