
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، قۇياش غەربكە پاتقاندا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا كەچكى شەپەق نۇرىدىكى بېلىقچىلار كېمىسى مەنزىرىسى نامايان بولدى. (فوتوگراف: چىن مېيخۇا)
9-ئايدىكى كۈز ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمان بىلەن ئاپئاق بۇلۇتلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، ھەربىر كۆرۈنۈشتە ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولاتتى.
كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، كەچكى شەپەق نۇرى قىپقىزىل يارداڭ تېغىغا ئالتۇن جىيەك يالاتتى، ئۇنىڭ شولىسى كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، قاتمۇقات رەڭگارەڭ نۇرلارنى چاچتى. تاغنىڭ جىمجىتلىقى بىلەن كۆلنىڭ جانلىقلىقى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى، بېلىقچىلار كېمىلىرىنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىدا لەرزان ئۈزۈشى، بۇلۇت سايىسى بىلەن شەپەق نۇرىنىڭ گىرەلىشىشى، كەچكى شەپەقتىكى قۇشلارنىڭ پەرۋاز قىلىشى سۇ ۋە يارداڭدىكى بۇ سىرلىق جايغا سىرلىق ھەم تەسىرلىك كۈز مەنزىرىسىنى قوشقانىدى.
بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 14 كىلومېتىر بولۇپ، ھەم دېڭىز ساھىلىدىكى كەڭ مەنزىرە، ھەم جىلغىنىڭ چوڭقۇر سېھرىي كۈچى يوشۇرۇنغان بولغاچقا، ھەر يىلى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. (فوتوگراف: چىن مېيخۇا)
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. (فوتوگراف: چىن مېيخۇا)
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. (فوتوگراف: چىن مېيخۇا)
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر كەچكى شەپەق نۇرىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە تارتماقتا. (فوتوگراف: چىن مېيخۇا)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






