تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىن ماۋفاڭ: يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى

بەلكىم سىز «جىن ماۋفاڭ» دېگەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوبرازىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن: جىن ماۋفاڭ شەخس ئەسلىي تىپىنىڭ بىرى قىلىنغان «ئايال تىراكتورچى» ئوبرازى ئىلگىرى 3 - يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلىغا بېسىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە شىخەنزىدىكى «باياۋاندىكى ئانا» ھەيكىلىدىكى بوۋاق كۆتۈرۈۋالغان ئانىنىڭ ئەسلىي پورترېتى قىلىنغان.

8 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. كۆرگەزمە زالىغا دەۋر تۇيغۇسى تولغان بىر تىراكتور قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچى ئۇنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، تارىخ بىلەن ئۇچراشقان بۇ دەقىقىنى خاتىرىلەۋاتاتتى. ھەر قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چۈشەندۈرگۈچىلەر ئۇنىڭ جىن ماۋفاڭ بىلەن بولغان ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىدۇ.

جىن ماۋفاڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرى زوۋشيەن ناھىيەسىدىن. جىنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايون بولۇپ، ئاممىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە، ئازادلىق ئارمىيەگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى. «ئىرادىلىك ياشلار چېگرا رايونغا بېرىش» چاقىرىقى خۇددى جۇشقۇن جەڭ دۇمبىقىدەك، سانسىزلىغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ قەلبىدىكى دۆلەت مۇھەببىتىنى ئويغاتتى. جىن ماۋفاڭ مۇنداق دېدى: گەرچە شىنجاڭنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن 1952 - يىلى مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن جىنىڭ شەھىرىدىكى نەچچە يۈز ئايال ئەسكەر بىلەن بىللە غەربكە ماڭغان پويىزغا ئولتۇردۇم.

شىخەنزە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇلار يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەۋلاد ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئايال جەڭچىسىگە ئايلاندى، ئەمما كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە قىزلارنى ھەيران قالدۇردى، كۆز ئالدىدا پەقەت بىپايان چۆل - جەزىرە، شالاڭ ئۆسكەن قومۇش ۋە ئاسماننى بىر ئالغان سېرىق قۇملا بار ئىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ ئەمدىلا قۇرۇلغانلىقىنى، دەل ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە، چېگرا رايوننى ئېچىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، جىن ماۋفاڭ ۋە قىزلار «كۆڭلىنى ئەمىن تاپتۇرۇپ، يىلتىز تارتىپ»، بۇ جايدىن پەقەتلا ئايرىلىپ باقمىدى.

قىسقا مەزگىللىك ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۆگىنىشىگە قاتناشقاندىن كېيىن، جىن ماۋفاڭ بىلەن ئايال ئەسكەرلەر تەلەپ بويىچە ئىش تۈرىنى تاللاشقا باشلىدى، جىن ماۋفاڭدىن خىزمەت ئارزۇسىنى سورىغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىراكتور ھەيدەشنى تاللاپ تىزىملاتتى.

«تىراكتور ھەيدەشنى ئۆگەنمەكچىمۇ؟ بىر قىز بالا تۇرۇپ، ئۆگىنىدىغان نەرسە تاپالمىغاندەك تىراكتور ھەيدەشنى ئۆگەنمەكچىمۇ؟» بۇ گۇمانغا قەيسەر جىن ماۋفاڭ پەرۋا قىلمىدى. 1952 - يىلى قىشتا، جىن ماۋفاڭ ئون نەچچە ئايال ئەسكەر بىلەن بىللە تىراكتورنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى ۋە ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگەندى، ئۈچ ئايدىن كېيىن تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەش ئەترىتىگە تەقسىم قىلىنىپ تىراكتوردا پىراكتىكا قىلىشقا باشلىدى. تۇنجى قېتىم تىراكتورغا چىققاندا، جىن ماۋفاڭنىڭ يۈرىكى خۇددى تاتاتلاۋاتقان موتوردەك سوقۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنىڭ بۇ بىپايان تۇپراقتا باشلانغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.

ئەينى چاغدا بوز يەر ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۇ تۇرۇشلۇق تىراكتورلار گۇرۇپپىسى بىر كۈندە ئىككى ئىسمېنا ئالمىشىشنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئارام ئالسىمۇ تىراكتور توختىمىدى، بىر ئادەم ئىسمېنىدا توپتوغرا 12 سائەت ئىشلىدى. 1954 - يىلى 10 - ئاينىڭ بىر كۈنى جىن ماۋفاڭ باشقا بەش ئايال تىراكتورچى بىلەن شىخەنزە باش مەيدانىنىڭ 1 - شۆبە مەيدانىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتى، مەشغۇلات ئورنىدا بۇلاق كۆپ بولغاچقا، زەنجىر تاپانلىق تىراكتور ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇلاققا چۈشۈپ كەتتى. ئالتە ئادەم توپتوغرا بىر كېچە كولاپ ئاندىن تىراكتورنى بۇلاقتىن كولاپ چىقاردى، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

1962 - يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭ تىزلىنىپ تۇرۇپ رېمونتچىلىق قىلىۋاتقان پەيتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى: ئاپتول يۈزىنى قارا بويىۋەتكەن بولسىمۇ، كۆز قارىچۇقى خۇددى چولپان يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. سۈرەت سۆزىدە: «<8 - مارت قىزىل بايراقدارى> جىن ماۋفاڭ ئاكتىپلىق بىلەن خوۋ جېڭيۈەندىن ئۆگىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ۋەزىپىنى قالتىس تاماملىدى» دەپ يېزىلدى. خەۋەردە جانلىق قىلىپ مۇنداق بايان قىلىندى: سوغۇق ۋە قىروۋ قاپلىغان قىش كېچىسى موسوۋەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ يوللىرى توڭلاپ مۇز دەرياسىغا ئايلاندى. تىراكتورنىڭ ماي تۇرۇبىسى توڭلاپ قېلىپ تۇيۇقسىز ئوتى ئۆچۈپ قالغاندا، جىن ماۋفاڭ پاختىلىق پەلىيىنى سېلىۋېتىپ، لېۋىنى نۆلدىن تۆۋەن 40 - 50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مېتال ماي تۇرۇبىسىغا تەگكۈزدى. «شىرت» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، تېرە ۋە گۆشى تىتىلىش ئازابىغا قوشۇلغان قان ھىدى ئۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا تولدى، ئۇ مۇز پارچىلىرى بار قان كۆپۈكىنى تۈكۈرۈۋېتىپ داۋاملىق ئېڭىشتى...

بۇنداق كەچۈرمىش ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىدى. دەل جىن ماۋفاڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەچكە، 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە، جىن ماۋفاڭ ئۇدا بەش يىل ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى، ئۇ يېتەكلىگەن تىراكتور گۇرۇپپىسى ھەر يىلى ئىلغار تىراكتور گۇرۇپپىسى بولۇپ باھالاندى. 1959 - يىلى 7 - ئايدا، جىن ماۋفاڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشى تەستىقلىنىپ، ئۇ شەرەپ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى.

ئاشۇ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك يىللاردا، جىن ماۋفاڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شانلىق رېكورت ياراتتى: يەتتە يىل ۋاقىتتا، جەمئىي 33 مىڭ 395 سائەت خىزمەت قىلىپ، جەمئىي 258 مىڭ 300 ئۆلچەملىك مو يەرنى تاماملىدى، بۇ، 20 يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىگە باراۋەر كېلىدۇ؛ 52 مىڭ 145 كىلوگىرام يېقىلغۇ تېجەپ، تىراكتور ئالتە چوڭ رېمونت مەزگىلىدىن ئۆتۈپ، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت چىقىمىنى تېجەپ قالدى. بۇ رەقەملەرنىڭ كەينىدىكىسى، ئۇنىڭ سانسىزلىغان كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان بوشاشماسلىقى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئىدى.

1988 - يىلى 12 - ئايدا، جىن ماۋفاڭ پېنسىيەگە چىقتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ بىكار تۇرماي، تۈرلۈك جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ناخشا ئېيتىش ئەترىتى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دائىم يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا شىخەنزىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىڭتۇەن تەشكىللىگەن تۈرلۈك سۆھبەت يىغىنى، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇردى.

بەزىلەر ئۇنىڭدىن شىنجاڭغا كەلگەنلىكىڭىزگە پۇشايمان قىلامسىز دەپ سورىغاندا، «ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم» دەيتتى جىن ماۋفاڭ قەتئىيلىك بىلەن. ئەينى يىللىرى ئۇلارنىڭ بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، چۆللۈكتە يېڭى شەھەر بەرپا قىلىشى دەل بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى يارىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.