□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گۇگۇم چۈشۈشى بىلەن، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى تەدرىجىي جىمجىتلىققا چۆمدى. رۇقىيەم مەتسەيدى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىنى ئۇزىتىپ بولۇپ، بۇرۇلۇپ زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ تونۇش سۈرەتكە قارىدى. سۈرەتتە ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى قۇربان تۇلۇم ماۋ جۇشىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، يانچە قىياپەتتە زەن قويۇپ قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى ئۆمۈرلۈك مىننەتدارلىقى ۋە تەلپۈنۈشىنى چىڭ تۇتقان بۇ بىر جۈپ قولىغا سىڭدۈرۈۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
قۇربان تۇلۇم 1883 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ يانچى بولغان. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، پومېشچىك، باي دېھقانلارنىڭ ئېزىشى ۋە قۇل قىلىشىدەك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ خوتۇنىنى ئېلىپ چۆللۈككە قېچىپ بارغان، ئاخىرىدا ئۇ خوتۇنى بىلەن ئادىشىپ قالغان.
1949 - يىلى 12 - ئايدا، كېرىيە ناھىيەسىگە كىرگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى چۆللۈكتە قۇربان تۇلۇمنى بايقاپ، ئۇنى كەنتكە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تۇرار جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن خوتۇنى ۋە 16 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئەمما كۆرۈشۈپ باقمىغان قىزىنى تېپىشىپ بەردى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بارلىق بىساتى پەقەت بىر پارچە يىرتىق كىگىز، بىر دانە كونا مىس چۆگۈن بولۇپ، يەنە نۇرغۇن قەرزى بار ئىدى.
1952 - يىلى، يەر ئىسلاھاتىنىڭ باھار شامىلى كېرىيەنى سىيپاپ ئۆتتى. 69 ياشلىق قۇربان تۇلۇمغا 14 مو تېرىلغۇ يەر تەقسىم قىلىنىپ، ئۆيى ۋە بىر ئېشىكى بار بولدى، ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تەۋە يەرنى تېرىدى، ئۆز تەقدىرىنى قولىغا ئالدى. 1953 - يىلى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تاپقان پۇلىغا 12 ساپان، بىر كالا سېتىۋېلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىلىرىغا سوۋغا قىلدى. 1957 - يىلى، ئۇ ناھىيە بويىچە ئوغۇت توپلاش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالىنىپ، كېرىيە ناھىيەسى ئۈچۈن بىر بايراق تىكلىدى. 1953 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە ئۇ جەمئىي 4900 جىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئاشلىق ساتتى.
كونا - يېڭى جەمئىيەتنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى بار ئىدى.
«شاپتۇل پىشسا، ئۇ شاپتۇل قېقى قۇرۇتتى؛ ئۆرۈك پىشسا، ئۇ گۈلە قۇرۇتتى؛ قوغۇن پىشسا، ئەڭ چوڭ، ئەڭ تاتلىقلىرىنى تاللاپ ساقلاپ قويدى؛ قوناق پىشقاندا، يەنە مەخسۇس دانلىقلىرىنى تاللاپ يىغىپ قويدى...» قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، رۇقىيەم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە دائىم بۇ بىر بۆلەك ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ − ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى ئەڭ ياخشى ئەمگەك مېۋىلىرىنى قايتا - قايتا تاللاپ، ئۇلارنى ماۋ جۇشىغا سوۋغا قىلىشنى ئويلايتتى.
«بېيجىڭ يەر ئۈستىدە، پەقەت ئېشىكىم يىقىلىپ قالماي، ئىزچىل ماڭسىلا، چوقۇم بېيجىڭغا يېتىپ بارالايمەن.» بۇ ئوتتەك كۈچلۈك ھەم قەتئىي ئارزۇ ئاخىر جۇڭنەنخەيدە ئىككى قولنىڭ چىڭ سىقىلىشىغا ئايلاندى. 1958 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قۇربان تۇلۇم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭنەنخەيگە كىرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشتى. جۇڭنەنخەيدە، ئۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىككى خالتا گۈلە، شاپتۇل قېقى، قۇرۇق ئۈزۈم ھەم قولدا توقۇلغان ئىككى پارچە ماتانى ماۋ جۇشىغا تەقدىم قىلدى. خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە، ئۇ ماۋ جۇشىنىڭ مېھرىبان چىرايىغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدى. قوبۇل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى، ماۋ جۇشى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ئون مېتىر تىۋىتلىق رەخت سوۋغا قىلدى.
1959 - يىلى 1 - ئايدا، قۇربان تۇلۇم ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. شۇ يىلى 7 - ئايدا، 76 ياشقا كىرگەن ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.
2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. خەتتە: «سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇق بار ئىدى، بۇ تاپشۇرۇق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ جەمەتنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئېتىقادىغا ئايلاندى.
توغراغاز يېزىسىدا قولۇم - قوشنىلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خاۋچياڭ ئىپتىخارلىققا تولدى: «ھازىر، كەنت ئاھالىلىرى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى، نۇرغۇن كىشى يەنە پىكاپ سېتىۋالدى. قۇربان تۇلۇم مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا دېھقانلار ئارامگاھى، ئاشخانا ۋە تاللا بازىرى ئېچىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».






