مەنبە: قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
8-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىدە «تۇنجى تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورتقا ماڭدۇرۇش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى، لىق 50 توننا سۈپەتلىك ياڭيۇ قاچىلانغان ئاپتوموبىللار بۇ كەنتتىن يولغا چىقتى، بۇ، بۇ كەنت ياڭيۇ كەسپىنىڭ «چىقىرىلىش»تا رەسمىي ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېكسپورت شۇ جايدىكى دېھقانلارغا مول كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بۇ كەنتنىڭ خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

قاغىلىق ناھىيەسى ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىدە تۇنجى تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورتقا ماڭدۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ سۇڭ فوتوسى
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي قېلىشى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە، سېتىش يوللىرىنى ئېچىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. بۇ يىل 4-ئايدا شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش- ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يار بېشى كەنتىگە كەلگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سودىگەر چاقىرىپ خېرىدار جەلپ قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كۆپ قېتىم سىرتتىكى سودىگەر، خېرىدار مەنبەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى، بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، نۇرغۇن تاشقى سودا كارخانىلىرىنى ئۇششاقباش بازىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ياڭيۇ تېرىش بازىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئۆلچەملەشكەن تېرىش تەرتىپى ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى كارخانىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈردى.
بۇ قېتىمقى ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇششاقباش بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، يار بېشى كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى خىزمەت ئەترىتى، تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار بىلەن كۆپ تەرەپتىن زىچ ھەمكارلىشىپ، ياڭيۇ تېرىش، ئۇرۇق تاللاش ھالقىسىدىن باشلاپ ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىلمىي سۇغىرىشنى يولغا قويۇپ، ئورگانىك ئوغۇت ۋە دېھقانلارنىڭ چىرىگەن ئوغۇتلىرىنى ئىشلىتىپ، بەرەڭگىنىڭ يېشىل، بىخەتەر بولۇشىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى. «ئەلا سۈپەتلىك تېرىش، ئىلمىي، ئىنچىكە باشقۇرۇش» ئىدىيەسىنى ئېتىزدا يىلتىز تارتقۇزدى.
«ئىلگىرى ياڭيۇلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز جايىمىزدا سېتىلاتتى، باھاسى ۋە سېتىش يوللىرى چەكلىك ئىدى، ھازىر ھۆكۈمەت ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ياڭيۇلىرىمىزنى چەت ئەللەرگە ساتالايدىغان بولدۇق، بۇ بىزنىڭ كېيىنكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى». يولغا چىقىش مۇراسىمىدا دېھقان گېڭ جىنيۇڭ يۈرەك ساداسىنى ھەممەيلەنگە بەھرىمەن قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بويىچە جىڭلاش نەق مەيدانى. جاڭ سۇڭ فوتوسى
بۇ قېتىمقى تۇنجى تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇششاقباش بازىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ئىرادىسى ۋە نەتىجە-ئۈنۈمىدۇر. خىزمەت ئەترىتى داۋاملىق خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە، ئۇششاقباش بازىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
(ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ سۇڭ)






