تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشى: قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇشقىچە

      تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

   8-ئاينىڭ 25-كۈنى، پىچان قىزىل ئانار چۈەنشەن مەكتىپى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان 344 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەكتەپ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ تولۇق سوممىلىق ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 30 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 93 مو بولۇپ، 1350 ئوقۇغۇچى سىغىدۇ. مەكتەپكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنىپ، ئۆلچەملەشكەن تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن ھەم «ئالاقە تورى + مائارىپ» سىستېمىسى كىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەلا ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلگەن.

   «زامانىۋى، مۇھىتى گۈزەل مەكتەپتىن باشقا، يەنە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق ۋە خاتىرجەم بولدۇق». ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقى لى چيۇجۈنىڭ بۇ سۆزى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

    8-ئاينىڭ 25-كۈنى، 1-يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى پىچان قىزىل ئانار چۈەنشەن مەكتىپىگە كىرمەكتە. شيې مىڭفېي فوتوسى

     8-ئاينىڭ 19-كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. خۇنەن ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش سىناق نۇقتا تۈرى بولغان يېڭى مەكتەپ رايونىغا 189 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 80 مىليون يۈەن، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 243.9 مو بولۇپ، 3600 ئوقۇغۇچى سىغىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنىپ، تەجرىبىخانا ۋە ئۆلچەملەشكەن تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق سەپلەنگەن، تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى دىڭ يۆ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ 1-قارار ئوقۇغۇچىسى بولالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەكتەپ تۇرمۇشىغا تەقەززامەن.

   بۇ يېڭى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ تۇرپاننىڭ مائارىپ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشقانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. بۇنىڭدىن باشقا، خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يەنە مائارىپ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئاقىل قان ئىشلەش» ئىدىيەسىنى «خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ <15-بەش يىل>لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانى»غا سىڭدۈرۈپ، مەخسۇس خىراجەت تەسىس قىلىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ «مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى»نى قوللاپ، شۇ جاينىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى.     

   ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئوخشاشلا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمىتى. تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن، ئىككى جاي مەكتەپ خادىملىرىنى ئۆزئارا ئەۋەتىش، دائىملىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، ئىككى جاي جەمئىي 750كە يېقىن ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خادىمىنى قوش يۆنىلىشلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «قىزىل ئانار . خۇنەن-تۇرپان ئورتاق تەتقىقات بۇلۇت دەرسخانىسى»، «قىزىل ئانار . مائارىپ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىسى» ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، خۇنەندىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالاپ يېتەكچىلىك قىلىشى، مائارىپ باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ لېكسىيە سۆزلىشى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە مائارىپ ئىدىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

   بۇ يىل خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار «لۇشەن دەرسخانىسى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، تۇرپاندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپ مەنبەلىك دەرس ئېلىپ كېلىپ، خۇنەن مائارىپى ئىدىيەسىنى يەتكۈزدى؛ قىزىل ئانار . «يورۇتۇش پىلانى» فوتو سۈرەت، گۈزەللىك تەربىيەسى تۈرىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، سىستېمىلىق فوتو سۈرەت دەرسى ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەللىك تەربىيەسى يېڭى كۆزنىكى ئېچىپ بېرىپ، يېزا-كەنتلەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرمۇشنى خاتىرىلىشى، ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە كۈچ قوشتى.

   قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشتىن يۇمشاق دېتال بايلىقىنى كىرگۈزۈشكىچە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتىلىشىگىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى تۇرپاننىڭ مائارىپىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپلا قالماي، خۇنەن-تۇرپان ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرپاننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.