− شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى شىنجاڭدا
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا
شىنجاڭ داشۆدىكى قىزىل بىنا، يەنسىخەي نېفىت ئايرىش زاۋۇتى... شىنجاڭلىقلارغا ئىنتايىن تونۇش بولغان بۇ ئىمارەتلەر ۋە زاۋۇتلارنىڭ شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ نامى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلاپ يەتسۇن. چاڭ - توزان باسقان تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق، بۇ قوشۇننىڭ شىنجاڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەلەيمىز.
باتۇرلۇق بىلەن ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش
1931 - يىلىدىكى «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي شىمال قولدىن كېتىپ، ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە قالدى. ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئالدىدا، شەرقىي شىمال ئارمىيەسى كونا قىسمى ۋە دۆلەتنى قىزغىن سۆيىدىغان پۇقرالار ئۆزلۈكىدىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، جان تىكىپ ئېلىشتى. بۇ قوشۇن دەل شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى ئىدى.
ئەپسۇسكى، دۈشمەن بىلەن بولغان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق بولغاچقا، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئادەم سانى تېز ئازىيىپ، قالغانلىرى ئىشتاتلىق قىسىمغا ئايلاندۇرۇلدى، بىر قىسمى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قوشۇۋېتىلگەندىن باشقا، قالغان كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنى كۈتتى. «پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ بۇ بىر قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ليۇ شياڭخۇي.
كېيىن قايتا - قايتا كېڭىشىش ئارقىلىق، نەنجىڭ گومىن ھۆكۈمىتى جاپالىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ بىر تۈركۈم شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا قايتىش لىنىيەسى: بولى − سىبىرىيە − چىتا − ئېركۇتىسكى − كراسنويارسك − ئاياگۇز − شىنجاڭ تارباغاتاي.
شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ۋەتەنگە قايتىدىغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى «شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىش بېجىرىش ئورنى»نى تەشكىللەپ قۇردى، ئۇنىڭغا مەمۇرىي باشلىق بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلدى، ھەرقايسى ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە بىۋاسىتە قاتناشتى، كىيىم - كېچەك، تاماق، ياتاق، تېببىي دورا ھەم قاتناش قوراللىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بېجىردى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئارخىپ ئۇچۇر تورىغا چىقىپ «شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى»نى ئىزدىسىڭىز، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دۇبەنى جىن شۇرېننىڭ پىدائىيلار قوشۇنىنى ئۆلكىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كىراغا ئالغان ئاپتوموبىللارنى يول بويى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقى» قاتارلىق 159 پارچە «شىنجاڭنىڭ شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنى كۈتۈۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئارخىپ مۇندەرىجىسى» ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. بۇ مۇندەرىجىلەر ئاشۇ بۆلەك تارىخنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.
ھۆكۈمەت ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقمۇ شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىغا بولغان مىسلىسىز قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. گەرچە قەھرىتان سوغۇقتا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بولسىمۇ، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، تارباغاتايدىكى ھەر مىللەت خەلق 3000دىن ئارتۇق چانا ياسىدى، 4000دىن ئارتۇق يېپيېڭى يوتقان - كۆرپە ئىئانە قىلدى.
كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ۋەتەنگە قايتىش
1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 500دىن ئارتۇق ئادىمى تارباغاتاينىڭ باقتۇ پورتىغا يېتىپ كەلدى. ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن ئاشۇ پەيتتە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا ھۆركىرەپ يىغلىشىپ كەتتى، بەزىلەر ئىختىيارسىز تىزلىنىپ تۇرۇپ: «بىز ئاخىر ھايات قايتىپ كەلدۇق!» دەپ پىچىرلاشتى.
تارباغاتاي خەلقى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بار ئاماللار بىلەن شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. باقتۇ پورتىدىن چۆچەك شەھىرى رايونىغىچە بولغان ئون كىلومېتىرغا يېقىن يولنىڭ بويى قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپى بىلەن تولغانىدى، ھەرنەچچە قەدەمدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن يايما يېيىپ ھال سوراۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. نۇرغۇن كىشى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، «شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنى قارشى ئالىمىز» «شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز» دېگەن شوئارلارنى ئۈنلۈك توۋلىدى.
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇزېي، باقتۇ پورتى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى ھەم خۇسۇسىي مۇزېي چۆچەك شەھەرلىك يىپەك يولى چېگرا سودىسى مۇزېيىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ھۆججەت - ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ۋەتەنگە قايتقانلىق ھېكايىسى خاتىرىلەنگەن. «بىر مەھەل، چۆچەك شەھىرىنىڭ كوچىلىرى پىدائىي قوشۇنغا يېمەك - ئىچمەكلەرنى سۇنۇپ قىزغىن كۈتۈۋالىدىغان تەسىرلىك مەنزىرىلەرگە تولدى» دېدى باقتۇ پورتى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى جاۋ چيەن.
1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن شۇ يىلى 8 - ئايغىچە، ئاز بىر قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بۇيرۇق بويىچە قورغاس پورتى ئارقىلىق ئىلى مەخسۇس رايونىغا كىرىپ مۇداپىئەدە تۇرغاندىن باشقا، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىدىكى قالغان 24 مىڭ 800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ ھەممىسى باقتۇ پورتى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلدى، كېيىن ئۇلار يەنە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا كىرىپ ئورۇنلاشتى.
خىراجەت چەكلىك بولغانلىقى ۋە ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، نەنجىڭ مەسئۇل دائىرىلىرى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىگە شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنى شۇ جايدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ، شەرقىي شىمالدا دۇنياغا كەلگەن بۇ جەڭگىۋار قوشۇن شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، كۆپ قىسمى ئاتلىق ئەسكەرلەر تۇەنى، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى ئەترىتى قاتارلىقلار بولۇپ باشقىدىن تەشكىللىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مۇداپىئەدە تۇردى.
شىنجاڭدا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى شىنجاڭنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرخىل كۈچلەرگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ توپىلاڭلارنى تىنچىتتى، زىنچۈەن ئۇرۇشى، داۋانچىڭ ئۇرۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، جەمئىيەت داۋالغۇشىنى تىنچىتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.
يىلتىز تارتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش
شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە باشقىدىن تەشكىللىنىشىنى بەلگە قىلىپ، شىنجاڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى، كۈچلۈك چۆچۈتۈش كۈچىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان ئارمىيە بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ ئارمىيەسىدە بىرونېۋىك قىسىم، ھاۋا ئارمىيەسى، ئالاقىچى قىسىم قاتارلىق ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان قىسىم تۈرلىرى بارلىققا كەلدى. «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تايانچ كۈچلەر شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىدىن كەلگەن» دېدى ليۇ شياڭخۇي.
شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىدا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى نۇرغۇن قابىللار بار. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى باشقىدىن تەشكىللىگەندە، مەمۇرىي خىزمەتكە ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئاجرىتىپ، مۇۋاپىق خىزمەتكە تەقسىم قىلدى. دوختۇر، باج ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، سودا خادىملىرى قاتارلىقلار كونا كەسپىنى قايتا قولغا ئېلىپ، تۈرلۈك ئاپپاراتلارغا تولۇقلاندى؛ بىر قىسىم ياشلارنى شىنجاڭ ئوفىتسېرلار مەكتىپى، ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپى، مالىيە مەكتىپى، ئاۋىياتسىيە مەكتىپىگە يىغىپ مەشىقلەندۈردى.
شۇنداق قىلىپ، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگان، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىگە تارقالدى. ئۇلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدى، ئىلغار ئىدىيەنى تارقاتتى، شىنجاڭنىڭ پوچتا، خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، يېقىنقى زاماندىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.
شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تۇپرىقىدا شىنجاڭ سودا بانكىسى بىناسى قەد كۆتۈردى، رېمونت قىلىنىپ كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى داخۇاڭچۈ ئۆستىڭى ئىلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈردى؛ شىنجاڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان دىخۇا - ئىلى، دىخۇا - قومۇل تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى؛ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچى تولۇقلاندى؛ كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ناخشىلىرى ئاڭلاندى... جۇڭخۇانى قوغداشتا تومۇرداش بولۇش كەيپىياتى شىنجاڭ تۇپرىقىنى قاپلىدى.
«شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇشنى راۋاجلاندۇرۇش، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغداش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى» دېدى ليۇ شياڭخۇي.
يەنە تېخىمۇ كۆپ ئالىم، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار قوشۇنى جاپالىق بولغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، بولۇپمۇ ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان ئەھۋالدىمۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئېتىقادىدا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئىشلىرىغا پائال ئاتلاندى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەر كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئېگىلمەس - سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەي جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.






