ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى −
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
2025 - يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللارنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆسمۈرلەر ئىرادىلىك بولايلى» باش تېمىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە، ئوقۇتقۇچىلار PPT، تارىخىي سۈرەت، قىسقا سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مول مىساللار ۋە ئاممىباب تىل بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىنى بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق مۇساپىسىنى بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.
ئالتاي شەھەرلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - يىللىق 3 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دارقان گېمىڭبېك مۇنداق دېدى: «بىز ئاشۇ بۆلەك مىسلىسىز مۇشەققەتلىك يىللارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.» بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىنى قايتا ئەسلىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ مەكتەپ قىزىل تەربىيەنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇردى ھەم ئۇنى ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كۈرەش نىشانىغا ئايلاندۇردى.
8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى مۇيۇۋيۇۋ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش» ئەدەبىيات - سەنئەت مەخسۇس مەيدان ئويۇنى ئۆتكۈزۈلدى. باشلىنىش ئۇسسۇلى «گۈل ئېچىلدى جۇڭگودا» ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئارقىدىن ئۇسسۇل، شىچۈ تىياتىرى، خور، ئۇسسۇللۇق ناخشا، ۋەتەنپەرۋەرلىك كىلاسسىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش، چالغۇلاردا بىرلىشىپ ئورۇنلاش قاتارلىق ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھەربىي قىسىم مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى تۆت مەھەللىدىن كەلگەن توققۇز ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى موۋ زۇڭباۋ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە <تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش> باش تېما قىلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار چوڭقۇر ياد ئېتىلىپ، بىزنى ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».
ئاساسىي قاتلام يېزا - كەنتلىرىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە بىۋاسىتە بايان قىلىش ئارقىلىق تارىخ تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي بازىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنى بۇ بازارنىڭ ئارا ئون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى، ساقچىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە «لېكسىيە سۆزلەش + ئەدەبىيات - سەنئەت» شەكلى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئاشۇرۇلدى، يەنە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋەكىللىرى ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى يەتكۈزۈلدى. بايتوقاي بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ما خۇييەن لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، تۇرمۇش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق <دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار> دېگەن قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».
جانلىق بايان قىلىشتىن ئەمەلىي بۇيۇملار گۇۋاھ بولۇشقىچە، كۆرگەزمە سارىيىدىكى تارىخىي ئىزنالار ئوخشاشلا كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى 45 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېيغا بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. ھەربىر سۈرەت، ھەربىر بۆلەك يېزىقلار ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاشۇ بۆلەك مىسلىسىز مۇشەققەتلىك تارىخنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر قېتىملىق چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بولدى، بىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
كورلا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېمىسىدىكى فىلىملەرنى كۆرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى ھەم پارتىيە بايرىقى ئاستىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. شەھەر تەرتىپىنى قوغدايدىغان «شەھەر باشقۇرغۇچى»لىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپچىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مول تارىخنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، سۇڭ ۋېيگو، چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دۇڭ شىجۈ، جوۋ خەيشيا، خانقىز ئابلىكىم، ماھىرە جۈمە)






