تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادتىكى تايانچلىق رولىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادتىكى تايانچلىق رولىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىجىل تۈردە ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئوبلاستنىڭ تايانچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

بېيجىڭ خەنجيەن خېشەن تۇرۇبىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز چوڭ تىپتىكى PCCP(ئالدىن ئىشلىتىلگەن بېسىلىش كۈچىنىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پولات تۇرۇبىلىق بېتون تۇرۇبا) ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كارخانا نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى قاتناشقۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان مەھسۇلات سۈپىتى ئارقىلىق سۇ بايلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمى بىلەن بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغاردىكى مەلۇم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۇ تەقسىملەش تۈگۈنى، تۇرۇبا ئورنىتىش قۇرۇلۇش مەشغۇلات دائىرىسى، باش غول پومپا پونكىتى، سۇ ئامبىرى قاتارلىقلارغا بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، كەلگۈسى پىلانى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇ شەرقىي جۇڭغارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك سۇ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز جىجىخۇ شەھەر رايونىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەسى سۇ تەڭشەش كۆلچىكى ھەم يانداش تۈرى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئېلىش تۈرىنىڭ ئىسمېنا ئالمىشىش جەريانىدا ئالمىشىپ ئىشلەش ياتاق رايونى قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇل ئەسلىھە، كەلگۈسى پىلان قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، باغچە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرمۇش رايونى، سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىقلارنى تېز قۇرۇپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شەھەر ئارقىلىق كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق نوپۇس توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە چىڭ قادىلىپ، كۆمۈر، رەڭلىك مېتال، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ يوشۇرۇن كۈچنى قېزىشى كېرەك. «15 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.