تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتۈشتىن «ھەسەن - ھۈسەن»نىڭ گىرەلىشىشىگىچە

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى يېمادۇ كېچىكىدىكى كېچىك كېمىسى. سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن

ئىلى دەرياسى 3 - كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

ئۆيىدىن ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئارىلىق ئۈچ كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، گۇەن لىنسېن دائىم دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىدۇ. ھەر قېتىم كەڭ كەتكەن كۆۋرۈك يۈزىدە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇ ھەمىشە كىچىك ۋاقتىدا دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتكەن چاغلىرىنى ئەسلەيدۇ: «ئاددىي كېچىكتىن زامانىۋى چوڭ كۆۋرۈككىچە، ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولدى».

گۇەن لىنسېن 1960 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىزچىل ئىلى دەرياسى بويىدا ئولتۇراقلاشتى. ئىلگىرى، ئىلى دەرياسى غۇلجا شەھىرى بىلەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنى ئىككى قىرغاققا ئايرىپ تۇراتتى. چوڭ كۆۋرۈك پۈتۈشتىن ئىلگىرى، قارشى قىرغاققا ئىش بېجىرگىلى بېرىشتا دەريادىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن ئايرىلالمايتتى. گۇەن لىنسېننىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى ئىلى دەرياسىدىكى دەريادىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ئىدى.

ئاران ئون نەچچە ئادەم سىغىدىغان تاق ئوقۇرلۇق ياغاچ كېمىدىن چارۋا ۋە ئاپتوموبىللارنى توشۇغىلى بولىدىغان قوش ئوقۇرلۇق ياغاچ كېمىگىچە، كېچىكچىلەر دەريادىكى كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر خىل ھالىتىگە گۇۋاھ بولدى. يېرىم كېچىدە جىددىي كېسەل بولۇپ قالغان ئاغرىقلار، قوي - كالىلارغا ئاشلىق تېگىشىدىغان چارۋىچىلار، ئوقۇش باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرغىلى ماڭغان ئوقۇغۇچىلار، يىل بويى ئارىدا قاتراپ مال سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر... ھەممىسى كېچىك كېمىسىگە تايىنىپ ئىككى قىرغاق ئارىسىدا قاتنايتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 70 - يىللىرىنىڭ بېشىغىچە، دەريادىن ئۆتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. گۇەن لىنسېن دادىسىغا ياردەملىشىپ كېچىكتىن ئۆتكۈزۈپ، «ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى» بولۇپ، كېچىكنىڭ تەرتىپىنى ساقلىدى. كېمىچىلەرنىڭ پۇشتەك ئاۋازى، كەچكى شەپەق ئاستىدىكى كېچىك، ۋاراڭ - چۇرۇڭغا تولغان ئاۋازلار ئۇنىڭ خاتىرىسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.

1975 - يىلى، ئىلى دەرياسىدىكى تۇنجى چوڭ كۆۋرۈك − ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىردىن ئاشىدىغان، كەڭلىكى 8.5 مېتىر كېلىدىغان بۇ زامانىۋى كۆۋرۈك كېچىكتىن ئۆتۈش تارىخىغا خاتىمە بەردى. قاتناش باشلانغان شۇ كۈنى، گۇەن لىنسېن ئەتىگەندىلا كۆۋرۈك بويىغا كېلىپ، كۆز ئالدىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇنىڭ دادىسىمۇ كېمىچىدىن كۆۋرۈك «قوغدىغۇچى»غا ئايلاندى.

كۆۋرۈكتە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكى ئامما ئەمدى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ كېچىك ئېغىزىدا قىستىلىپ يۈرمەيدىغان بولدى، ۋېلىسىپىت مىنسىمۇ، ئات ھارۋىسى ھەيدىسىمۇ، پىيادە ماڭسىمۇ دەريادىن بىمالال ئۆتەلەيدىغان بولدى. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىرلا كۆۋرۈك ئېھتىياجنى قاندۇرۇلمايدىغان بولدى. 1975 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان 50 يىلدا، كەينى - كەينىدىن بىرقانچە چوڭ - كىچىك كۆۋرۈك سېلىنىپ، ئىلى دەرياسى ئۈستىدە گىرەلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 - شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلىرى بولسۇن، مەيلى ئەتراپتىكى ناھىيە - شەھەرلەر بولسۇن، ئامما غۇلجا شەھىرىگە قولاي، تېز بېرىپ كېلەلەيدۇ، يول بويى يەنە ئىلى دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

كۆۋرۈكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، يوللار بارغانسېرى كېڭەيدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، گۇەن لىنسېندىمۇ يېڭى قىزىقىش پەيدا بولدى: ۋاقتى چىقسىلا، ئۇ ئەينى يىللاردىكى تەرتىپىنى ساقلىغان كېچىكنىڭ كونا ئورنىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدۇ. ئۇ جايدا ئەمدى كېچىك كېمىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پۇشتەك ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ جايغا كېلىدىغىنى جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر. گۇەن لىنسېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خالىس ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، دائىم ئۇلارغا ئىلگىرىكى كېچىكتىن ئۆتۈش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ۋاقىت توختىماي ئۆتتى، ئىلى دەرياسى يەنىلا ئۆركەشلەپ ئېقىپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، رەت - رەت زامانىۋى كۆۋرۈكلەر دەريا يۈزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، خۇددى ھەسەن - ھۈسەندەك سوزۇلۇپ، ئىككى قىرغاقنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇراتتى. شەھەر بىلەن يېزا - كەنتلەردە يېپيېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.