رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىش
يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندا ھەسەن-ھۈسەن بىلەن ئۇچرىشىش
بىپايان ئوتلاقتا قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇش
«قۇياش نۇرى تاغنى ئالتۇن نۇرغا چۆمدۈرگەن» ھەيران قالارلىق مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش
...
ھەربىر كۆرۈنۈش موڭغۇلكۈرەنىڭ ئۆزگىچە رومانتىك مەنزىرىسىدۇر

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرغان بولۇپ، بىرقەدەر ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە-مۇھىتنى شەكىللەندۈرگەن.
ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە، كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، چۈشتىن كېيىن دائىم گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، بۇ، ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈشىگە مۇكەممەل شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، پۈتۈن يىلدا ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 150 قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ جاي ھېسابلىنىدۇ، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، قوش ھەسەن-ھۈسەن، ئۈچ قات ھەسەن-ھۈسەن ھادىسىسىمۇ دائىم كۆرۈلىدۇ. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاممىۋى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى تەرىپىدىن «جۇڭگو ھەسەن-ھۈسەن ماكانى» دېگەن نام بېرىلگەن.


بۇ يەر گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى
ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە تايىنىپ
زور تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى
ئۇنداقتا
موڭغۇلكۈرەگە قانداق بارىمىز

يولۇچىلار ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان شەھەرلەر ئارا پويىزغا ئولتۇرسا، ساياھەت ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. غۇلجا ۋوگزالىغا بارغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ياكى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنى بويلاپ موڭغۇلكۈرەگە بېرىشقا بولىدۇ، يول بويى قارلىق تاغ، ئورمان قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

غۇلجا ۋوگزالى جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈريولىدىكى مۇھىم ئارىلىق بېكەت، ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى ئالاقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
غۇلجا ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى، تولۇقلاش-كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋوگزالنىڭ ئۈسكۈنە-ئەسلىھە ئىقتىدارى، پويىز كۈتۈش مۇھىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئىللىق سەپەرگە چىقىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

پويىز كۈتۈش زالىدا «تىيانشان قار لەيلىسى (天山雪莲)» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نۇقتىلىق يولۇچىلار ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىش، ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىش، بېلەتنى جىددىي قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، يولۇچىلار ياردەم سوراش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ نۇقتىلىق يولۇچىلار پويىز كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئانا-بوۋاقلار ئۆيىنىڭ مۇھىتى ۋە يانداش ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جىددىي توك قاچىلاش رايونى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاپارتما نەقىش، نۇر سايە تېمى ياسىلىپ، مەدەنىيەت-ئىجادىيەت كۆرگەزمە رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەنزىرىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى.

چىرايلىق ھەسەن-ھۈسەندىن باشقا
ئىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە
مۇھەررىر سىزنىڭ مۇنداق ئوينىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ!

مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش: «سەر خىل ئېسىل تائاملار سىزنى گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ». قېزا، ياۋا موگۇ سۇيۇقئېشى، توخۇ گۆشى تائاملىرى... ھامان بىر خىلى سىزنىڭ تەم سەزگۈڭىزنى ئويغىتىپ، سىزنى ئېسىل تائاملار لەززىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

ئات بەيگىسى تاماشاسى: «ئاتلار ئۇچقاندەك تېز چېپىپ، خۇددى ئېتىلغان ئوقيالاردەك، گۈلدۈرمامىدەك يەر-جاھاننى تىتىرىتىدۇ.» چوڭ تىپتىكى ئات بەيگىسى پائالىيىتى كىشىلەرگە بىر مەيدان ئات مەدەنىيىتى كۆرىكىنى نامايان قىلىدۇ.

ئويۇن كۆرۈش: «لەرزان ناخشا-ئۇسۇللار، چەۋەندازلىق ماھارىتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.» ساياھەتچىلەر ئېسىل چەۋەندازلىق نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، چەۋەندازلىقنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

گۈزەل مەنزىرىنى سەيلە قىلىش: موڭغۇلكۈرە يۈخۇ كۆلى ئاسماندىكى بۇلۇتلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە قۇياش نۇرى ئاستىدا تاغ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاش بولمىغان پەسىل، ھاۋارايىدا ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، «رەڭگى ئۆزگىرىدىغان كۆل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گۈل دېڭىزىنى تاماشا قىلىش: تومۇز يازدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە قىچا، رەيھان ۋە ئاپتاپپەرەس گۈللىرى تەڭ ئېچىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ياخشى كۈنلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىسىڭىز
تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيسىز
«شىنجاڭ تۆمۈريولى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






