ۋاڭ دېشياڭ:
پايانسىز ھاۋا بوشلۇقىدا روھنى تاۋلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، ياپيېشىل قارىغاي، ئارچىلار بوي تارتىپ ئۆسكەنىدى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ جىمجىت تۇپراقتا، ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، ئىلگىرى كۆك ئاسماندا بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ دېشياڭ دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
ۋاڭ دېشياڭ 1916 - يىلى ئەنخۇي ليۇئەندىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. 1931 - يىلى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ بايرىقى ئۇنىڭ يۇرتىغا قادالدى، 15 ياشلىق ۋاڭ دېشياڭ قەتئىيلىك بىلەن قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىردى، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.
ۋاڭ دېشياڭنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ جىڭجىڭنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان ئاشۇ يىللاردا، ۋاڭ دېشياڭ قىسىم بىلەن جەنۇب - شىمالدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلدى. ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە، ئۈچ قېتىم قارلىق تاغقا يامىشىپ، ئوتلاقتىن ئۆتۈپ تاۋلىنىش جەريانى بۇ ياش جەڭچىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى بارغانسېرى تاۋلىدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇيرۇق يەتكۈزگۈچى ئەسكەر، بەنجاڭ، باش ئىشتابنىڭ شىفىر يەشكۈچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشتى.
1936 - يىلى ئۇزۇن سەپەردە قوشۇنلار غەلىبىلىك ئۇچراشقاندىن كېيىن، ۋاڭ دېشياڭ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش ئىشتابىغا قاراشلىق قىسىم بىلەن خېشى كارىدورىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، مىلىتارىست ما بۇفاڭغا قارشى قان كېچىپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى. يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، ھاياتى ئارقىلىق ئىنقىلاب چوغىنى قوغدىدى. كېيىنكى يىلى، ئۇ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ قالغان قىسمى بىلەن بىللە شىنجاڭ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كېلىپ، «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»غا كىرىپ تەرتىپكە سېلىش - تەربىيەلەش ئۆگىنىشىگە قاتناشتى. بۇ يەردە، ئۇ تەشنالىق بىلەن يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى كۈرەش ۋە خىزمەت ئۈچۈن كۈچ توپلىدى.
1938 - يىلى 2 - ئايدا، ۋاڭ دېشياڭ ئەلا ئىپادىسى بىلەن، شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەن مەھكىمىسى ئاۋىياتسىيە ئەترىتىگە تاللىنىپ ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگەندى. ئەزەلدىن ئاۋىياتسىيە ساھەسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان دېھقان پەرزەنتىگە نىسبەتەن، بۇ زور دەرىجىدە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىدى. بىراق ۋاڭ دېشياڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئىشلارغا قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە ئۈچۈن، ئىنقىلاب ئۈچۈن ئۆگىنىشىمىز، چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك».
ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ۋاڭ دېشياڭ قېتىرقىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر - بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتتى. «ۋاڭ دېشياڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندى، مەيلى نەزەرىيە ئۆگىنىش ياكى ئۇچۇش پىراكتىكىسى قىلىشتا بولسۇن، ئۇنىڭ نەتىجىسى دائىم خېلىلا ئالدىدا تۇرغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرى ۋە جياۋگۇەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.» ۋاڭ جىڭجىڭ ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دېدى: «دەل مۇشۇنداق تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش پوزىتسىيەسى ئۇنى قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدىلا ئاۋىياتسىيە كەسپىدىن خەۋىرى يوق كىشىدىن مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىغا ئايلاندۇردى».
1941 - يىلى، ۋاڭ دېشياڭغا جۇڭۋېيلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلىپ، رەسمىي ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇچىسى بولدى.
1942 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەردە، ۋاڭ دېشياڭ قوش قاناتلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ 3000 مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچۇش مەشىقىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن چوڭ - كىچىك يانتۇلۇقتا ئايلىنىپ ئۇچۇپ جىددىي بۇرۇلۇشنى تاماملىدى، ئاندىن كېيىن موللاق ئېتىشنى مەشىق قىلدى. لېكىن ئۇ 1 - قېتىمدا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 2 - قېتىم ئالاھىدە ماھارەت مەشىقى قىلىشنى قارار قىلدى. بىراق، تاسادىپىيلىق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈزبەردى. ئايروپىلاننى موللاق ئاتقۇزۇۋاتقاندا ئايلىنىش سۈرئىتى ئادەتتىن تاشقىرى تېزلىشىپ كېتىپ، ھەش - پەش دېگۈچە موللاق ئېتىش پىرقىراپ تۆۋەنلەشكە ئۆزگەردى. ئۇچۇش ئېگىزلىكى چەكلىك بولغاچقا، پىرقىرىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە پەقەتلا ئۈلگۈرەلمەي، ۋاڭ دېشياڭ ئاخىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ھاياتى 26 ياشتا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى.
«ئىلگىرى دەرسلىكلەردىن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگەندە، ھەمىشە ئۇلارنى بىزدىن سەل يىراق ھېس قىلاتتىم، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ دېشياڭنىڭ ھېكايىسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مەن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم.» ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، توقسۇن ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساباتۇللا خەيرۇل ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، بىز چوقۇم ھازىرنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك».
بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ دېشياڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەدھىيەلىنىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ روھى ئۆچمەس ماياكقا ئوخشاش كېيىنكىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. ھەر يىلى، سانسىزلىغان كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان بۇ ئىنقىلابىي قۇرباننى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.






