تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇرۇش بۇرغىسى بولۇش، سادىق قەلب بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش

​− ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

1937 - يىلى، لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكىدىكى ئوق ئاۋازى خۇابېينىڭ كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتتى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ھايات - ماماتلىق خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن خەلقئارادىن جۇڭگوغا ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان جان تومۇرغا ئايلاندى، شۇنداقلا بىر گېزىت بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەيدىغان قىزىل بازىغا ئايلاندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى پىكىر بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شىنجاڭ گېزىتى» 1938 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە، قەلەمنى شەمشەر، قەغەزنى بايراق قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش چۇقانىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىتىپ، بىر ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە تىكلىدى.

غەربىي چېگرا رايونىدا يالقۇنجىغان مەشئەل

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭ گېزىتىنى چىقىرىش تارىخىنى 1938 - يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش داۋامىدا شىنجاڭ گېزىتىگە قىزىل گېن تېرىدى ھەم ئۇنى ھازىرغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.» 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى گېزىت تارىخى سارىيى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى، «قىزىل گېن تومۇرداش» كۆرگەزمە رايونىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى ماتېرىيال مەركىزىنىڭ خادىمى، گېزىت تارىخى سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ لى تەسىرلىك بايان قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قېنىق، رەڭدار شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئاساسى 1915 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئاخباراتى» ئىدى. 1935 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ تۇنجى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جەمئىي توققۇز كىشى ئىدى. 1938 - يىلى، ۋاڭ شياۋچۇەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ شياۋچۇن) دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)دىكى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن يۆتكىلىپ شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى، لى زۇڭلىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى لى شياۋپىڭ) شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇھەررىرلەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئەينى چاغدا گېزىتخانىنىڭ باشلىقلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جاۋ شى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ باۋچيەن) ئۈستىگە ئالغان، گېزىتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاساسلىقى ۋاڭ شياۋچۇەن بىلەن لى زۇڭلىن مەسئۇل بولغان.

1939 - يىلى كۈزدە، جوۋ ئېنلەي دىخۇادىن ئۆتكەندە، «شىنجاڭ گېزىتى»نى ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى: «پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوقۇم ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى چوقۇم ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بارلىق ئىلغار كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، گېزىتنى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئاخبارات بازىسى قىلىش كېرەك».

«گېزىتنى تەھرىرلەش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، گېزىتنىڭ مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئاممىۋى پىكىر بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، بۇ، ئەينى يىللاردا گېزىتخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىدى.» ۋاڭ شياۋچۇەن «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسى» ناملىق ئەسلىمىسىدە شۇنداق يازغانىدى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «شىنجاڭ گېزىتى» كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتىنىڭ ئاۋانگارتىغا ئايلاندى. دىخۇانىڭ شىداچياۋ كۆۋرۈكى بويىدىكى ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنادا، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى قولىدىكى قەلەم بىلەن ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىگە تۈرتكە بولىدىغان سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقتى.

قەلەم - سىياھنى قورال قىلدى

«كوممۇنىستلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ئەۋجىگە چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېڭىنى ئويغاتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ليۇ شياڭخۇي.

گېزىتنىڭ باش بېتىدە ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ماۋزۇ بىلەن خەۋەر قىلىندى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتىدىغىنى شۇكى، 1938 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇدا 14 كۈن بېسىلدى، كېيىن يەنە توپلىنىپ كىتابچە قىلىنىپ، 8000 پارچىدىن كۆپرەك بېسىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاشكارا تارقىتىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ساۋاتلىرىدىن سوئال - جاۋاب» «ئوقۇرمەنلەر خەت ساندۇقى» قاتارلىق سەھىپىلەر ئارقىلىق جانلىق، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى سىجىل ھەم چوڭقۇر تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى ھەم ئاخىرىدا كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە قەتئىي قوللاشقا ئېرىشتى.

1937 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدىكى خەلقئارادىن جۇڭگوغا ياردەم قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنىڭ %80ى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %90تىن كۆپرەكى غەربىي شىمال خەلقئارا قاتناش - تىرانسپورت لىنىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان. 1939 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ماۋ دۇن «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلغان «يول ياساش ناخشىسى»دا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غەربىي شىمال خەلقئارا قاتناش - تىرانسپورت لىنىيەسىنى ياساشقا قىزغىن قاتناشقانلىقىدەك قايناق مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

شۇ مەزگىللەردە، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئۇدا ئۈچ يىل ئېلان قىلىنغان كىچىك ھەجۋىي رەسىملەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئاپتورى لۇ شاۋفېي بولۇپ، 1939 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ داڭلىق گېزىتچى، شۇ چاغدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سا كۇڭلياۋنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن، كېيىن شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا بېرىپ ھەجۋىي رەسىم خىزمىتىگە مەسئۇل گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولغان.

لۇ شاۋفېي رەسىم قەلىمى ئارقىلىق «ياپون قاراقچىلىرى بىلەن بىر نۆۋەت جان تىكىپ ھەجۋىي رەسىم جېڭى قىلىپ، دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرى ئىخچام، راۋان سىزىلغان بولۇپ، ھەم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئىدى، ھەم كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى. 1939 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «رەسىم كۆرگەزمىسى ئالاھىدە سانى»غا لۇ شاۋفېينىڭ «ياپون قاراقچىلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى قىرغىن قىلغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال» ناملىق ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى بېسىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ خىل شەكلى جانلىق، ئۇسلۇبى ئۆتكۈر، تىغ ئۇچى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بىۋاسىتە قارىتىلغان ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتىدىكى كۈچلۈك قورال بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا دىخۇا كوچىلىرىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى «لۇ شاۋفېي ئۇسلۇبى»دا بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ھەجۋىي رەسىملىرىنى قىيىۋېلىپ توپلام قىلغان.

تىيانشان قەلبداش بولدى

«<شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىشتە، ھەر بىرىمىزگە بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۇلى بارلىرى پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلىرى كۈچ چىقىرىشنى بىلدۈردى» دېدى ليۇ شياڭخۇي.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ گېزىتى» كەڭ ۋە چوڭقۇر تەشۋىقات ئېلىپ باردى، سەپەرۋەرلىك قىلدى. گېزىتنىڭ سىجىل چاقىرىق قىلىشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت زەمبىرەك ئوقى چۈشمىگەن بۇ تۇپراقتا، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى خالىس ياردەم بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۈچۈن قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئاياغ - پايپاق توپلىدى، زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى، ئات ئىئانە قىلدى، ئايروپىلان سېتىۋالدى، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش بۇرچى ھەربىر ئاددىي پۇقرانىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتتى.

«ئىئانە توپلاش توغرىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 1938 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر سان گېزىتتە دېگۈدەك بار ئىدى. گېزىتتە يەنە <قىزىل تاختا> سەھىپىسى ئېچىلىپ، پۇل ئىئانە قىلغان زاتلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى مەخسۇس ئېلان قىلىندى» دېدى خۇاڭ لى.

خۇاڭ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەينى چاغدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ تىراژى 20 مىڭ پارچە ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىكى 15 مىڭ پارچىغا شىنجاڭ ئىچىدە مۇشتەرى بولۇنغان، قالغانلىرىغا خەلقئارادىن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن مۇشتەرى بولغان. «بىر پارچە گېزىتنى كىشىلەر بەس - بەستە قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ، كۆپچىلىككە گېزىت ئوقۇپ بېرىش بىر خىل كەيپىياتقا ئايلاندى، <شىنجاڭ گېزىتى> يەنە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن < <شىنخۇا گېزىتى>نىڭ ئاچا - سىڭىل نۇسخىسى> دەپ ئاتالدى» دېدى ئۇ.

1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان كۈن، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1 - ۋە 4 - تۇتاش بېتىگە غەلىبە مەنىسىدىكى V خېتى قىزىل رەڭدە بېسىلدى، ھەر مىللەت ئامما گېزىتنى كۆتۈرگىنىچە كوچىلارغا چىقىپ تەنتەنە قىلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ گېزىت ئاخىر غەلىبە پەيتىگە گۇۋاھ بولدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى تارقاپ كەتكىنىگە 80 يىل بولدى، «شىنجاڭ گېزىتى» رەقەملىك دەۋرگە قەدەم قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز گېزىت تارىخى سارىيىدا سارغىيىپ كەتكەن بەتلەرگە زېھىن قويۇپ قارىغىنىمىزدا، يەنىلا ئەينى يىللاردىكى «قەلەم ئارقىلىق ھەيۋەتلىك دولقۇن ھاسىل قىلىپ، گېزىت ئارقىلىق گۈلدۈرماما كەبى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىش»تەك ھەيۋەتلىك كۈچنى ھېس قىلالايمىز. بۇ كۈچ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.