شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر ئۈچ تىپىك مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:
1. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مەلۇم دۆلەت كارخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى تاڭ پىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلۈپ، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ تۈر قۇرۇلۇشى قىلىپ، دۆلەت مەبلىغى ۋە مۈلكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2020 - يىلى 9 - ئايدىن 2024 - يىلى 5 - ئايغىچە، تاڭ پىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مەلۇم دۆلەت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان مەزگىلدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «سىياسىي نەتىجە» يارىتىش ئۈچۈن، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە تۈرى، نەشپۈت ئورگانىك ئوغۇتىنى پىششىقلاش زاۋۇتى تۈرىنى قۇرغان. تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللىمەي، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئالدىن قۇرۇلۇش قىلىپ، تۈر مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى بازار ئېھتىياجىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ، تۈر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتەلمەي، قىسمەن توڭلىتىش ئىسكىلاتى بىكار تۇرۇپ قالغان، ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاش زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قالغان، بۇ، دۆلەت مەبلىغى ۋە مۈلكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ پىڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2025 - يىلى 6 - ئايدا، تاڭ پىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
2. ئاقتۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «رەقەمدىكى سىياسىي نەتىجە»نى قوغلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا يول كۆرسەتكەن. 2025 - يىلى 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاقتۇ ناھىيەسىگە قارىتا سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، شىنجاڭ كۇنمېن بىيوباغچە رايونى تۈرىدە 2025 - يىلى 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە تاماملانغان مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ جەدۋەلگە تولدۇرۇلغان سانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن ساننىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى، بىر قىسىم ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاقتۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «رەقەمدىكى سىياسىي نەتىجە»نى قوغلىشىپ، باغچە رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساختا مەلۇم قىلىشىغا يول كۆرسىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.
3. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا يىللىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق باشلىقى خې چۈەنخەي ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىغا مۇشتەرى توپلاشتىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە يۈك پەيدا قىلغان. ئاپتونوم رايون مائارىپ ساھەسىدە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مائارىپ سىستېمىسىدا مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندا، 2020 - يىلى 9 - ئايدىن 2024 - يىلى 7 - ئايغىچە، خې چۈەنخەينىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2020 - يىللىق، 2023 - يىللىق تولۇق ئوتتۇرا يىللىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىغا مۇشتەرى توپلاپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە يۈك پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كىتاب سودىگەرلىرى بىلەن ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى يەڭ ئىچىدە كېڭىشىپ بېكىتىپ، شۇ باھادىن يۇقىرى سوممىدا ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى ھەققى ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ پايدا ئالغان. 2025 - يىلى 2 - ئايدا، خې چۈەنخەيگە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، تېخنىكا ئۇنۋانى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئورنىدىن يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىندى ھەم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى.
يۇقىرىقى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپىك مەسىلىلەر ئايرىم جايلار ۋە تارماق، ئورۇنلارنىڭ «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشىنىڭ قاتتىق بولمىغانلىقى، جايىدا بولمىغانلىقى، ھەتتا ئىنتىزام، قانۇن تۆۋەن چېكىگە چېقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بەزىلىرى خىزمەتلەردە ئويلىنىش، پىلانلاش كەمچىل بولۇپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» بىلەن شۇغۇللانغان؛ بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنىڭ ئەينەن بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ بەزىلىرى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋالغان.
ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغاندا باسقۇچ ھالقىپ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلماسلىقى، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ شارائىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى، مالىيە قاتارلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ بىيۇروكراتلىق قىلىپ تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ شەكىلۋازلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تىپىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك؛ باشقا جايلار ۋە تارماقلار دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار تىپىك دېلو مىساللىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، خىزمەتكە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، ساقلانغان مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئىزلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغان، يۈزەكى تۈزەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.






