□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
شەھەر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ شەھەر خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت - ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شەھەر خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى بەرپا قىلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى قۇرۇپ چىقىش نىشانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئىككى بۇرۇلۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلىپ، يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىپ، شەھەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شەھەر بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇشىمىز كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ شەھەر خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شەھەرلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۆستى، شەھەرلەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، شەھەر قىياپىتى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەھەر تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، بىز جەزمەن زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شەھەر تەرەققىيات باسقۇچىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ھەر ئىشنىڭ چوقۇم ئامالى بولىدۇ، ئامالىنى تاپقاندىلا ئاندىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا «بەشنى ئۆزگەرتىش، بەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» مۇھىم پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان شەھەرنى ئىدارە قىلىش يېڭى يولىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت، شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر خىزمىتىدە «بىرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالتىنى قۇرۇش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، ئىنچىكىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى شەھەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا، باشقا تەپسىلاتلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شەھەر خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا. رايون مەركىزىي شەھىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ، يىرىك پىلان بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچىنى دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىم رايونىدىكى مۇھىم مەركىزىي شەھەر ۋە زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قىلىپ بەرپا قىلىش، غۇلجا، قەشقەرنى شىنجاڭ بويىچە قوشۇمچە مەركىزىي شەھەر قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، بىڭتۇەن شەھەر - بازارلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئادەم توپلاش، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
پارتىيە رەھبەرلىكى خەلقنىڭ شەھىرى قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ كاپالەت ۋە ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك. پارتىيەنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر تەرەققىياتىدىكى كۆرۈنمە نەتىجە بىلەن يوشۇرۇن نەتىجە، سۈرئەت بىلەن سۈپەت، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ شەھەر سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقايلى.






