تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​چىڭخۇا داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتى بولۇشقىچە

ياڭ شۆچېڭ:​

چىڭخۇا داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتى بولۇشقىچە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇڭ ليەنكاڭ

ئۇ چىڭخۇا داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان پەيتتە، ئۇ كوچىلارغا چىقىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرايلى دەپ قەھرى بىلەن توۋلىدى؛ ئۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى جياڭلىڭ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتقان، دۆلەت زېمىنى ئارقا - ئارقىدىن قولدىن كېتىۋاتقان پەيتتە، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرا خۇبېيدىكى يېزىلارغا بېرىپ، «سەككىز تال مىلتىق»نى ئاساس قىلىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق قوراللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى قايتا - قايتا يەرگە ئۇرغان، بۇنى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.

ۋۇخەن شەھىرى خۇاڭپى رايونى مۇلەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى قەھرىمان - ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ شۆچېڭ مۇشۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. «مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىلا پېشقەدەم مەكتەپداش ئۇستازنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانىدىم، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ يۇرتىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ تاللىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم» دېدى خۇاڭپىدا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان چىڭخۇا داشۆنى پۈتكۈزگەن سۈن شىندى.

ياڭ شۆچېڭ، 1915 - يىلى خۇبېي خۇاڭپى يەنزىگاڭدىكى بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1934 - يىلى، ياڭ شۆچېڭ ئەلا نەتىجە بىلەن چىڭخۇا داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. چىڭخۇايۈەنگە كىرگەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇ كەم سۆز، جىمىغۇر، ئىچ مىجەز بولۇپ، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ناھايىتى ئاز قاتنىشاتتى.

18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى خۇابېينى ئىشغال قىلىشنى تېزلەتتى. لېكىن، گومىن ھۆكۈمىتى قايتا - قايتا مۇرەسسەلىشىپ ۋە يول قويۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە باستۇرۇپ، سانسىزلىغان ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ يۈرىكىنى پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىتتى.

«گەرچە خۇابېي چوڭ بولسىمۇ، مەكتەپتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك شارائىت قالمىدى!» 1935 - يىلى 9 - دېكابىر ھەرىكىتى پارتلىدى، ياڭ شۆچېڭ نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە، ھەربىي - ساقچىلارنىڭ قامال قىلىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كوچىلارغا چىقىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرايلى، دەپ قەھرى بىلەن توۋلىدى. ئارقىدىن، ئۇ بېيپىڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن جەنۇبقا بېرىپ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، قەھرىتان سوغۇققا، قۇم - بورانغا قارىماي، يېزىلارغا پىيادە بېرىپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوتىنى كەڭ يېزىلارغا تارقاتتى.

مىللەت خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، ئۇ «ئوقۇغۇچى»دىن «جەڭچى»گە ئايلاندى. 1936 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. «كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلغاندا، ئۇ ئولتۇرۇپ سۆزلەشتىن ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەشكىچە، ئاندىن يەنە ماڭغاچ سۆزلەشكىچە، ھەمىشە كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايتتى.» ياڭ شۆچېڭنىڭ جىيەن ئوغلى ياڭ دۇڭمىڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئىلگىرى ياڭ شۆچېڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن نۇرغۇن پېشقەدەم يولداشلار ئۇنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىگە ماھىر ئىكەنلىكىنى ماختىشىدىكەن.

1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، بېيپىڭ قولدىن كەتتى، ياڭ شۆچېڭ 9 - ئاينىڭ بېشىدا ۋۇخەنگە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چاڭجياڭ بىيۇروسى ياشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي ئۆلكىلىك (خىزمەت) كومىتېتى ياشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا، ئۇ خۇبېي ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقىنى قۇردى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى. بۇ تەشكىلات ئۇچقۇندىن يانغىن چىققاندەك تەرەققىي قىلىپ 50 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، ۋۇخەننىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى بىر مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى لاۋۇلدىدى، ياپون ئارمىيەسى خۇاجۇڭغا قىستاپ كىردى. 1938 - يىلى 8 - ئايدا، تەشكىلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، ياڭ شۆچېڭ ئوتتۇرا خۇبېيغا بېرىپ، يولداشلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى قۇردى. يىڭچېڭدىكى شياجيامياۋدا، ئۇلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ كۈچلىرىدىن 300دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلەپ، ئوتتۇرا خۇبېي دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى قوراللىق كۈرەشكە پۇختا تەشكىلىي ئاساس سالدى.

يىڭچېڭ خەۋپ ئىچىدە قېلىشنىڭ ئالدىدا، ئۇ «تىلەمچىلىك قىلىپ بولسىمۇ بىر تال مىلتىق تاپىمەن» دېگەن مەردانە سۆزنى قىلىپ، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنى يېتەكلەپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، «سەككىز تال مىلتىق» ئاساسىدا، يىڭچېڭ ناھىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ 4 - تارماق ئەترىتىنى قۇردى. 1939 - يىلى 6 - ئايدا، «يىڭچېڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلار ئەترىتى»نىڭ ئاساسىي كۈچى تەرتىپكە سېلىنىپ يېڭى 4 - ئارمىيەگە قوشۇۋېتىلىپ، ئوتتۇرا خۇبېي، جەنۇبىي خېنەندىكى قوراللىق كۈچلەرگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ياڭ شۆچېڭ ئەينى چاغدا كۆپلىگەن مۇھىم قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن، ئۇ جەڭچىلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، دالىدا يېتىپ - قوپۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى پارتىزانلىق كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

«ئەينى چاغدا شارائىت جاپالىق بولۇپ، ئىككىنچى تاغام بۈرگە بېسىپ كەتكەن كونا كىيىمنى كىيىپ، جەڭچىلەر بىلەن بىر ئېغىز كېسەك ئۆيدە قىستىلىپ خىزمەت قىلغان.» ياڭ شۆچېڭنىڭ جىيەن ئوغلى ياڭ دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: 1939 - يىلى، مومام ئوغلىنىڭ يىڭچېڭدا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ پىيادە ئالتە كۈن يول يۈرۈپ ئوغلىنى يوقلاپ بارغان. قىسىم باشلىقى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىنى كۆرۈپ، تۇيدۇرماستىن ياڭ ئانىغا ئىككى كۈمۈش تەڭگە بەرگەن. ياڭ شۆچېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئانىسىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ: «ھازىر قوشۇننىڭ قىيىنچىلىقى بار، تەشكىلگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرسەك بولمايدۇ» دېگەن.

1942 - يىلى 8 - ئايدا، ياڭ شۆچېڭ يېڭى 4 - ئارمىيە 5 - شى خۇبېي - ئەنخۇي بىڭتۇەنىنىڭ جېڭۋېيلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، قىسىمنى باشلاپ جەنۇبىي خۇبېي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى قۇرغان. يۇرتى خۇاڭپىدىن ئۆتكەندە، ئۇ ياشلارنى ھەربىيلىككە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئۆيىدە قونۇپ قالغان ئاشۇ كۈنى كەچتە، ئانىسى ئۇنىڭغا بالدۇرراق ئۆيلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، ئۇ: «پۈتۈن مەملىكەت تېخى ئازاد بولمىدى، مېنىڭ ئۆيلىنىشكە قانداقمۇ رايىم بولسۇن؟» دېگەن ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە «غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم سىلەرنى ۋۇخەنگە ئېلىپ كېلىپ جەم قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن. ھالبۇكى، ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق جەڭ تۇرمۇشى ۋە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا يۇقتۇرۇۋالغان ئۆپكە كېسىلى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى كاردىن چىقارغان. 1944 - يىلى 3 - ئايدا، ياڭ شۆچېڭ داۋۇشەن تېغىدىكى گاۋجياۋادا كېسەل سەۋەبىدىن 29 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ جەسىتى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دەپنە قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندىكى خۇاڭپىدا، ھەر يىلىدىكى چىڭمىڭ، «1 - ئىيۇل» قاتارلىق چاغلاردا، ياڭ شۆچېڭ قەبرىستانلىقىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرىدىغان ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. «دەۋر ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى سەمىمىي - سادىقلىق باشتىن - ئاخىر تومۇرداش. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ئاساسىي قاتلام ئالدىنقى سەپ، مەن بۇ ئىرادەمنى ئېتىز باشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، يۇرتداشلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى سۈن شىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.