تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​قۇربان بولۇشتىن قورقماي تاجاۋۇزچىلارنى يوقاتتى

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى باتۇر قوماندان يې چېڭخۇەن:

​قۇربان بولۇشتىن قورقماي تاجاۋۇزچىلارنى يوقاتتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جىنخۇي

خېنەن شىنشيەن ناھىيەسىنىڭ گوجياخې يېزىسى تۇمېن كەنتىدە ئىچكىرى - تاشقىرى بەش ئېغىز كاھىشلىق ئۆيدىن تەركىب تاپقان بىر قورۇ بار، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ جايغا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە كېلىدۇ، بۇ، دەل ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى باتۇر قوماندان يې چېڭخۇەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى بولۇپ، كاھىشلىق ئۆيدىكى كۆرگەزمە تاختىسىغا يې چېڭخۇەننىڭ قىسقا ئەمما شانلىق ھاياتى خاتىرىلەنگەن.

يې چېڭخۇەن، 1914 - يىلى تۇغۇلغان، 1929 - يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىدا، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جىداۋيۈەن، يىڭ جېڭۋېيسى، تۇەن جېڭۋېيسى، شىجاڭ، شى جېڭۋېيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، قىسىمنى باشلاپ كۆپ قېتىم ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن، قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باتۇر قوماندانى. پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ 8 - ئارمىيە 129 - شى 386 - لۈ 772 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولغان. 1938 - يىلى 2 - ئايدىن 3 - ئايغىچە ئۇ قىسىمنى باشلاپ چاڭشېڭكوۋ، شېنتوۋلىڭ، شياڭتاڭپۇ قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتنىشىپ، ياپون ئارمىيەسىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ ۋە ئىسكەنجىگە ئېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي سەنشى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

1938 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە، سەنشى ۋۇشياڭدىكى چاڭلې كەنتىدە جەڭ باشلاندى، يې چېڭخۇەن 772 - تۇەننى باشلاپ قېرىنداش قىسىملار بىلەن بىرلىكتە شەرققە چېكىنگەن ياپون ئارمىيەسىنى بىرنەچچە بۆلەككە ئايرىۋېتىپ، تار دەريا جىلغىسىغا قىستاپ كەلدى. جەڭ تاكى كەچقۇرۇنغىچە داۋاملاشتى، 8 - ئارمىيە جەمئىي 2200دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتتى.

بۇ چاغدا 1000دىن ئارتۇق دۈشمەن لياۋشيەن ناھىيەسىدىن ياردەمگە كەلدى. بۇ دۈشمەنلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئىشەنچ يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرىدىكىلەر بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ ياكى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئاساسىي كۈچنى دەرھال جەڭدىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. يې چېڭخۇەن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ جەڭ مەيدانىنى تازىلاپ، ئۇرۇش ئولجىلىرىنى توشۇپ، چېكىنىشكە تەييارلىق قىلدى؛ بىر تەرەپتىن بىر ئېگىز دۆڭگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، دۈشمەن ياردەمچى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويدى. تۇيۇقسىز، بىر پاي ئوق ئۇنىڭ باش قىسمىغا تەگدى. 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە يې چېڭخۇەن 24 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يې چېڭخۇەننىڭ جەسىتى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرىدىكى سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ دەپنە قىلىندى.

يې چېڭخۇەننىڭ يۇرتىدا، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرە ياسالغان بولۇپ، يۇرتىدىكى خەلقنىڭ كېلىپ تەزىيە بىلدۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلغان. ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيىدا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا.

«يې چېڭخۇەن قۇربان بولغاندا شۇنچە ياش ئىكەن، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن، بىز تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك» دېدى بالىسىنى ئېلىپ ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ شىنشيەن ناھىيەسىگە قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن خېنەن شىنياڭ شەھىرى ئاھالىسى خۇ جيې.

ھازىر يې چېڭخۇەننىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرى يەنىلا تۇمېن كەنتىدە ياشاپ، ئەسلىي تۇرالغۇنى ساقلاپ، يې چېڭخۇەننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە.

«كىچىكىمدىنلا بوۋامدىن ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلايتتىم، مەن ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ۋەتىنىمنىڭ ھەربىر سۇڭ زېمىنىنى ياخشى قوغدايمەن» دېدى يې چېڭخۇەننىڭ ھەربىي سەپكە قاتناشقان جىيەن ئەۋرىسى يې ۋېنۋېن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.