تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى: كەڭ تۇپراق سۈرەتتەك رەڭگارەڭ گۈزەل تۈسكە كىردى

   8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل رەڭدار مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. كەڭ كەتكەن بۇغداي ئېڭىزىنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سېلىنچا كەبى چىملىق يېيىلىپ ياتاتتى، 568 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان تۇپراق خۇددى تەبىئىي رەڭ تەڭشەش تەخسىسى، جۇلالىق ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

   تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، تۆت پەسىل ئالمىشىش جەريانىدا قارلىق تاغ، قارىغاي، ئوتلاق بىلەن بىنەم ئېتىزلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، رەڭدار تۈسكە كىرىپ، تەبىئەت بىلەن تېرىقچىلىقنىڭ ئىناق گۈزەللىكى تولۇق نامايان بولىدۇ.

  (ئاپتور: يى جىشياڭ ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.