− ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە كوممۇنىستلار شىنجاڭدا ئىلغار مەدەنىيەت تارقاتتى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كوممۇنىستلار شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولىغا ئالدى، ئۇلار گېزىتخانىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مەزمۇندىن تارتىپ تەھرىرلەش - بەت ياساشقىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشنى پائال تەشۋىق قىلدى» دەپ تونۇشتۇردى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى گېڭ دوۋېن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 100دىن ئارتۇق كوممۇنىست ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەنئەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدىن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇقىم كەڭ ئارقا سېپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. ئۇلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەشنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭدا مىللەتنى شەكىل، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى مەركەز قىلغان، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىنقىلاب مەزمۇنى، يېڭى ئۇسلۇب، مىللەت شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلارنى تەربىيەلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
8 - ئايدىكى شىنجاڭ داشۆنىڭ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى، سوۋېت بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىمارەتلەر بىلەن ھازىرقى زامان مەنزىرىسى گىرەلىشىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ھەممىلا جايدا تارىخىي جۇغلانما نامايان بولغانىدى. يۈ شيۇسۇڭ يولى، لىن جىلۇ چوڭ يولى، دۇ جۇڭيۈەن يولى، شېن يەنبىڭ يولى، جاۋ دەن يولى... غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ مەكتەپ يوللىرىدا شىنجاڭ داشۆ بېسىپ ئۆتكەن قاينام - تاشقىنلىق يىللار ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى سوۋېت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان سېرىق رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا مەكتەپ تارىخى سارىيى بولۇپ، «ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان مەكتەپ تەلىمى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
«شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ تەلىمى جۇڭگو خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ تەلىمىدىن كەلگەن. ئەينى چاغدا لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنى(شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى)نىڭ ئىلمىي باشقارما باشلىقى بولغان ھەم شۆيۈەننىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇ يەنئەن جۇڭگو خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسى روھىغا ئاساسەن شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، شۆيۈەن ئۈچۈن سەككىز خەتلىك مەكتەپ تەلىمى تۈزۈپ، <ياشلىق باھارىمىز ئۇرغۇپ تۇرماقتا> ناملىق مەكتەپ ناخشىسىنى ئىجاد قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شۆيۈەننى ئىنقىلابىي ھەقىقەتنى تارقىتىدىغان بازىغا ۋە ھەر مىللەت ئىلغار ياشلارنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈككە ئايلاندۇرغان، بۇ مەكتەپ <جۇڭگو خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي ئىككىنچى داشۆسى> دەپ ئاتالغان» دېدى شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ فۇئېن.
ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو شىنجاڭ رايونى دۇنيادىكى «تۆت چوڭ مەدەنىيلىك سىستېمىسى» بىرىككەن جاي بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلانغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ھالبۇكى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يەرلىك مىلىتارىستلار بېكىنمىچىلىك، مۇتەئەسسىپلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، 4 - ماي يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باھار يامغۇرى بۇ جاينى ئوزۇقلاندۇرالماي، شىنجاڭ مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلەي چۆللىشىش ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.
شىنجاڭدا ئەڭ بالدۇر ماركسىزمنى تارقاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى − يۈ شيۇسۇڭ. شىنجاڭدا تۇرغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاساسى)نىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ماركسىزمنى سىستېمىلىق تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى ۋە سىياسىي تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا چاقىرغان.
يۈ فۇئېن مۇنداق دېدى: ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تاۋلىشى ئارقىلىق، چياۋ گورېن ۋە ئابباسوف قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئىلغار زىيالىي ياشلار ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقاتقان. شىنجاڭ شۆيۈەنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىدىغان بازىغا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئوچاققا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق بازا بولۇپ قالغان.
ئەينى چاغدا، كوممۇنىستلار يېتەكچىلىك قىلغان «شىنجاڭ گېزىتى» ئاساسلىق تەشۋىقات بازىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا» «يېڭى دېموكراتىزم توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلغان، 8 - ئارمىيەنىڭ جەڭ نەتىجىلىرى ھەم خەلقئارا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغان، كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 مىڭ پارچىغا يەتكەن. ماركسىزم - لېنىنىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دىكى كىتابخانىلاردا ئاشكارا سېتىلىپلا قالماي، يەنە چەت - ياقا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىمۇ پەيدا بولغان.
«ماركسىزمنىڭ تارقىلىشى خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئېچىپ، ئېڭىنى ئويغىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتتى» دېدى گېڭ دوۋېن.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ناخشىلىرىنىڭ كەڭ ئېيتىلىشىمۇ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ بىر خىل مۇھىم شەكلى. ئەينى چاغدا، شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاساسلىقى «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتقا تايىنىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان. ئىنقىلابىي ناخشىلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېيتىش شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىكى ئاساسلىق شەكىل بولۇپ قالغان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ناخشا ئاۋازى ياڭراپ، جەڭ ناخشىلىرى جۇشقۇن ياڭراپ، «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» قىزىل نوتا ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقان.
شىنجاڭ داشۆ تارىخ شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خې يۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى لى جيالىن، چېن گۇيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقىدا، ناخشا ئېيتىش ئەترىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ھەرقايسى مەكتەپ، ھەربىي گازارما ۋە زاۋۇتلاردا مەيدانغا كەلگەن، «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى»مۇ ناخشا ئېيتىش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىكى مەدەنىيەت جياۋيۈەنلىرىنى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ناخشا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ناخشىلىرى شىنجاڭدا ياڭراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىزغىنلىقىغا زور ئىلھام بەرگەن.
«جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» ئۇيۇشتۇرغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر بىر قاتار پائالىيەتلەر، شۇنداقلا «شىنجاڭ گېزىتى» «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش سېپى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بۇ مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، پۇلى بارلار پۇل چىقىرىپ، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، داغدۇغىلىق بىر مەيدان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1938 - يىلى، شىنجاڭ خەلق ئاممىسى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، ئون «شىنجاڭ ناملىق» كۈرەشچى ئايروپىلان ئىئانە قىلىپ، ئالدىنقى سەپنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، بۇ، شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت قىيىنچىلىقتا قالغاندا قانات يايدۇرغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ دىرامىچىلىقى جۇڭگو ھازىرقى زامان تىياتىر تارىخىدىكى ئۆزگىچە، شۇنداقلا شانلىق بىر بەت بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتلار دىراما سەنئىتى ئارقىلىق چېگرا رايونغا ئىنقىلاب ئوتىنى تارقىتىپ، شەكىلدىن مەزمۇنغىچە كىشىلەرگە يېپيېڭى تۇيغۇ بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم شەكىلگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسىي ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
1938 - يىلى 5 - ئايدا، يەنئەندىن كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دا «قامچاڭنى تاشلا» «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلىدىغان دىرامىلارنى ئورۇنلاپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئىنقىلابىي تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى لىن جىلۇ، لى يۈنياڭ، جۇ دەنخۇا قاتارلىق كىشىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى دىراما مەشىق قىلىشقا تەشكىللىدى.
خې يۇڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇ چاغدىكى دىراما سېنارىيەسى ئۆزگىرىپ تۇراتتى، چىراغ، دېكىراتسىيە، گىرىم قىلىشمۇ ئىنتايىن ئاددىي ئىدى، تىياتىر ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارنىڭ بەزىلىرى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن، بەزىلىرى مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئويۇن ياكى مەكتەپتە، ياكى مەيداندا، ياكى كۇلۇبتا قويۇلاتتى. لېكىن سېنارىيە مەزمۇنىدا خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرى بىۋاسىتە تەسۋىرلىنىپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ جىنايىتى ئېچىپ تاشلانغاچقا، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىغان.
1939 - يىلى 8 - ئايدا، ياش ئارتىس جاۋ دەن ئايالى يې لۇشى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى شۈ تاۋ ۋە ۋاڭ ۋېييى قاتارلىق سەنئەتكارلار بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىت دەل «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ سەككىز يىللىقىغا توغرا كەلگەن. جاۋ دەن قاتارلىقلار بەي دافاڭ، يۈ سۈنلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئويغىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «كۈرەش» ناملىق دىرامىنى تەييارلاشنى قارار قىلغان. ئۈچ ھەپتە جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىش ئارقىلىق، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى «كۈرەش» ناملىق دىراما ئورۇنلانغان. بۇ دىراما پۈتۈن شەھەرنى زىلزىلىگە سېلىپ، ھەربىر مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان، ئۇدا يېرىم ئاي قويۇلغان. سەھنىدە، ئارتىسلار چىن ھېسسىياتى بىلەن ئورۇنلاپ، ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلغان. سەھنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە، تاماشىبىنلار قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئارتىسلارغا ئەگىشىپ شوئار توۋلىغان. «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «كۈرەش» ناملىق دىرامىنىڭ قويۇلۇشى شىنجاڭ دىراما ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ دىراما ئورۇنلاش سەنئىتىدە «مەيلى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ماھارىتى، گىرىم قىلىش ماھارىتى، سەھنە گۈزەل سەنئىتى جەھەتتە بولسۇن، يېڭى سەكرەپ ئىلگىرىلەش بولدى».
«كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار مەدەنىيەت زاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزاق، پائالىيەت كۆلىمى زور بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە زور دەرىجىدە تەشۋىق قىلىپ ھەم ئۇلارنى تەربىيەلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى» گېڭ دوۋېن بۇ بۆلەك تارىخقا مۇشۇنداق باھا بەردى.






