□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن
سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسى.
بىر تامچە سۇ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ: كۆل سۈيى ئىلگىرى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە چەت، يىراق يېزىلاردىمۇ جۈمەكنى ئاچسىلا شەھەردىكى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان سۈپەتلىك سۈپسۈزۈك سۇ چۈشىدىغان بولدى؛ باستۇرۇپ سۇغىرىش ئۈچۈن ئىلگىرى دېھقانلار تاڭ سەھەردە ئېتىز بېشىدا كۈتۈپ ئولتۇرۇش دائىملىق ئىش ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى بىپايان ئېتىزلاردا پەن - تېخنىكا، رەقەم ئارقىلىق قۇۋۋەت قوشۇش يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى؛ قۇم - بوران كۆپ چىقىش ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى دائىملىق ھالەت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە سايە تاشلاپ تۇرغان تۇتاش كەتكەن توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى.
«خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۇنى ئىدارە قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» «سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش»... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇنى ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلدى، ھەربىر تامچە سۇدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت دەۋر ئۆزگىرىشى ئەكس ئەتتى.
تامچە سۇ خەلق تۇرمۇشىنى ئوزۇقلاندۇردى
«كۆل سۈيى بۇرۇنلا كۆرگەزمە سارىيىدىكى كونا سۈرەتكە ئايلاندى.» پەيزاۋات ناھىيەسى جۈرېن بازىرى قەدەمجاي كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەخمۇت ئەرشى ئۆز ھويلىسىدىكى تۇرۇبا سۈيىدە گۈللەرنى سۇغارغاچ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: چېلەكنى كۆتۈرۈپ كۆلگە سۇ ئالغىلى بارغاندىكى كۆرۈنۈش كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ئىچىدىغان سۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پات - پات كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مەخمۇتنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 30 يىل ئىلگىرى پۈتۈن ناھىيەدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، چوڭقۇر قۇدۇقلار قېزىلىپ، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلغانىدى، لېكىن يۇقىرى فىتورلۇق، يۇقىرى ئارسېنلىق قىرتاق، شورلۇق سۇ يەنىلا فىتور سۆڭەك كېسىلى، ئارسېندىن زەھەرلىنىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە كەلگەندىلا، مۇزتاغ چوققىسىدىكى قار - مۇز سۈيى 112 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق بۇ جايغا يېتىپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قەدەمجاي كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا ئۈزۈم باراڭلىرى بار بولدى، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، گۈل - گىياھلار بەس - بەستە ئېچىلدى، جۈمەكنى ئېچىپلا سۇدا تاماق ئېتىش، چاي دەملەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شېرىن تۇرمۇشىدىكى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. «سۇ كەمچىل ھەم قىرتاق» بولۇش توغرىسىدىكى ئاشۇ ئەسلىمە پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كۆرگەزمە سارىيىدىكى سۈرەتلەردە ساقلىنىپ قالدى.
2019 - يىلى شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەنبەسى باشلاپ كېلىنگەندىن كېيىن، 2023 - يىلى پەيزاۋات ناھىيەسى يەنە 163 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، كونا تۇرۇبا تورىنى مۇستەھكەملەش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كونا سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان 11 مىڭ 700 ئائىلىگە يېڭى سۇ تۇرۇبىسى ئورناتتى. 2024 - يىلى يولغا قويۇلغان رەقەملىك قوش قۇرۇلۇشىدا سۇ مەنبەسى، سۇ زاۋۇتى، سۇ يەتكۈزۈش - تەقسىملەش تۇرۇبا تورىدىن ئاخىرقى ئۇچتىكى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندىكى پەيزاۋات ناھىيەسىدە كۆلەملەشكەن مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش %100 قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى نىسبىتى %100 كە يەتتى، ئاقىل سۇپا ئارقىلىق ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، بۇ بىر قاچا «تاتلىق سۇ»نىڭ ھېكايىسى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە ئاچماقتا.
1986 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ھازىرغىچە، جەمئىي 34 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 1368نى، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىدىن 169 مىڭ 500 كىلومېتىرنى پۈتتۈرۈپ، 12 مىليون 510 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، بىز <سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش>تىن <ئىچىدىغان سۇ بار بولۇش>قىچە، يەنە <ياخشى سۇ ئىچىش>كىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن فاڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلغان «شورلۇق سۇنى ياخشىلاش» قۇرۇلۇشى 31 مىڭ 600 ئاممىنى يۇقىرى فىتورلۇق سۇ، قىرتاق، تۇزلۇق سۇ ئىچىش تارىخى بىلەن خوشلاشتۇردى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا ئاشتى، كۆلەملەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا نوپۇسىنى قاپلاش نىسبىتى %87.5كە يەتتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «چوڭلىرىنى قۇرۇش، ئوتتۇراھاللىرىنى بىرلەشتۈرۈش، كىچىكلىرىنى ئازايتىش»نى پىرىنسىپ قىلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 97نى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇردى، شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتە مەنبە ئوخشاش، تور ئوخشاش، سۈپەت ئوخشاش، مۇلازىمەت ئوخشاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئوخشاش بولۇشنى ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى، تۈجۈپىلىك بولۇشى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
تامچە سۇ كۆپلىگەن كەسىپنى گۈللەندۈردى
ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە، گۈرجەك كۆتۈرۈپ كېچىچە ئۆستەڭ بويىدا ساقلاپ، ئېتىزلارنى باستۇرۇپ سۇغىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان دېھقانلارنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى. ماناس ناھىيەسىدىكى 700 مىڭ مو رەقەملىك ئېتىزدا، ئېلېكتىرلىك كىلاپان، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، يىراقتىن ئۆلچەش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش - ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ئۆيىدە بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يان تېلېفوننى چېكىپلا دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىشنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مو كېۋەزلىككە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى 550 كۇب مېتىردىن تەخمىنەن 320 كۇب مېتىرغا ئازايتتى. سۇ تېجەلدى، ئوغۇت تېجەلدى ھەم ھوسۇل ئاشتى، كىرىم كۆپەيدى، «جۈمەك» چىڭ ئېتىلىش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ «ھەميان»ى تومپايدى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى داخىيەنزى سۇغىرىش رايونىدىمۇ بارلىققا كەلدى. «ئىلگىرى ئۆستەڭدىن سۇ باشلاش يولىدا بەش سائەت <قاترايتتۇق>، توپا ئۆستەڭدە سۇ سىڭىپ كېتىپ، پارغا ئايلىنىپ كېتىپ، سۇ تېخى ئېتىزغا كىرمەي تۇرۇپلا ئۈچتىن بىر قىسمى ئىسراپ بولاتتى، سۇ ھەققى كەنت ئاھالىلىرىگە چېچىلاتتى» دېدى جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى شار تورە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ شىلىن. 2023 - يىلى، داخىيەنزى سۇغىرىش رايونىدا داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردىكى «كارىز» بىلەن رەقەملىك قوش سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئۆستەڭ سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.67 دىن 0.86گە ئۆستى، كۈندىلىك سۇ تەقسىملەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئون مىنۇتقا قىسقاردى، 220 مىڭ مو سۇغىرىش كۆلىمىدە يىلىغا 8 مىليون 940 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تېجەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۇغىرىش ئۈنۈمى 26 مىليون 450 مىڭ يۈەن كۆپەيدى.
«تامچە سۇنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش» ئۈنۈمى شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە نامايان بولدى. شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كىرسەك، %52تىن ئارتۇق يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى بۇ جاينى ئېكولوگىيە باغچىسىدەك مۇھىتقا ئىگە قىلغانىدى. شىركەت قۇرغان يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 60 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، زاۋۇت رايونىدا كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بەرمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نېيترال سۇنىڭ ھەممىسى زاۋۇت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ھەم كۆكەرتىشىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ سۈپىتىدە قايتا ئىشلىتىلىپلا قالماي، 20 نەچچە تۈرلۈك تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنە 1 توننا پولاتقا كېتىدىغان پاكىز سۇ سەرپىيات مىقدارى 4.1 كۇب مېتىردىن 3.17 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىگەن، ھازىر، ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان سوۋۇتۇش مۇنارىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەم قايتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بۇ سانلىق قىممەتنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشتىن ئۈمىد بار.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەش خىزمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىزلاردىن ۋادىنى بىرلىك قىلغان سىستېمىلىق سۇ تېجەشكە ئۇزارتىلدى، بىر كارخانا، بىر شەھەرنىڭ سۇ تېجەش ئۈلگىسىدىن ئومۇمىي خەلق سۇ تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ ئىشلىتىدىغان چوڭقۇر سۇ تېجەشكە يۈزلەندى. سۇ ئۆزگىرىشىدە ئۆزگەرگىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات ئۇسۇلى − يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش يېزا ئىگىلىكىدە يەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى «تېجەپ»، سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈنۈمىنى «تېجەپ»، شەھەرلەردە تەرەققىيات بوشلۇقىنى «تېجەپ»، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن «سۇ كۆرسەتكۈچى پايدىسى» ياراتتى.
تامچە سۇ دەريا - كۆللەرنى يېشىللىققا پۈركىدى
8 - ئايدا سايرام كۆلى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ئالتۇن رەڭلىك يايلاق بىلەن كۆپكۆك كۆل سۈيى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى، قىرغاقتىكى قورام تاش ئۈستىدە ئۆرە تۇرغان ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلغاندا، ئىختىيارسىز ھالدا كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ماختىشاتتى. 2014 - يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يولغا قويغاندىن بۇيان، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش تەدبىرلىرى سايرام كۆلىنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتىنى 3 - تۈردىن 2 - تۈرگە ئۆستۈردى، قىسمەن رايونلارنىڭ سۇ سۈپىتىنى 1 - تۈرگە يەتكۈزدى ھەم بۇ ھالەتنى 2018 - يىلىدىن ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدى.
«بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز بىر تامچە پاسكىنا سۇنىڭ سايرام كۆلىگە ئېقىپ كىرىشىگە يول قويماسلىق.» سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پەن - تېخنىكا، ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى بايىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايرام كۆلىنىڭ ئىزچىل «داڭ چىقىرىش»ىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە مەنزىرە رايونىمىز بىر كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قىزغىن كەيپىيات يەنە غايەت زور مۇھىت قوغداش بېسىمى ئېلىپ كەلدى. كۈنىگە نەچچە يۈز توننا تۈرلۈك ئەخلەت ھەم چىقىرىندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا مەنزىرە رايونىمىز «مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش + ئۆز جايىدا قايتا ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت قوش ئەندىزە ئارقىلىق ھەل قىلدى، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئەسلىدە بار بولغان 15 ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسىدىكى ئەخلەتلەرنى ئىككى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا يۆتكەپ توشۇدى، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 17 ئېكولوگىيەلىك ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىپ، ئوخشاشلا يۇندى ۋە نېيترال سۇنى قايتا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى سۈزۈك سۇ بىلەن ئوتلاقنى بىۋاسىتە سۇغاردى.
گۈزەل دەريا - كۆللەرنىڭ ئاساسىي رەڭگى شىنجاڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى تېتىما كۆلىدە سۇ قۇشلىرى پەرۋاز قىلىۋاتقان گۈزەل مەنزىرىنىڭ ئارقىسىدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئۇدا 26 قېتىم 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغانلىق بار؛ شايار ناھىيەسىدىكى 139 توغراقلىق مىجىڭ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن 50 مىڭ مو تەبىئىي ياش ئورمان ئۇدا توققۇز يىل كەلكۈن سۈيى باشلاپ سۇ تولۇقلاپ سۇغىرىش ئەقىل - پاراسىتىگە گۇۋاھ بولماقتا؛ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جىرغىلاڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئازادە سەيلە قىلىۋاتقان ئون چاقىرىملىق يېشىللىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى قۇرۇلۇشى ۋە قىرغاقنى ئېكولوگىيەلىك قوغداش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئون نەچچە يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىمەكتە...
2018 - يىلى شىنجاڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتى، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 3355 دەريا ئېقىنى، 121 كۆلگە قارىتا جەمئىي 1 مىليون 230 مىڭ ئادەم قېتىم دەريا - كۆل چارلاش ئېلىپ بېرىپ، «تۆت قالايمىقان»نى تۈزەش خىزمىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سۇچىلىق تارماقلىرى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، مەنبەدىن تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقى، سۇ رايونى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، دەريا - كۆللەرنىڭ ساغلاملىقى، گۈزەللىكىنى قوغدىدى. بۇ يىل 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ باش دەريا (كۆل) باشلىقى 5 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى بەخت دەرياسى - كۆلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بۇرغىسىنى چالدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «دەريا تىنچ، كۆل گۈزەل بولغان، سۈيى سۈزۈك، بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدىغان، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولغان، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتىدىغان» ئېكولوگىيە سەھىپىسى تېز سۈرئەتتە نامايان بولۇپ، سۇدىن كۆتۈرۈلگەن سالقىنلىق ۋە ئوت - چۆپلەرنىڭ خۇش ھىدى ئېلىپ كەلگەن بەخت پات ئارىدا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىدۇ.






