شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى −
ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسى تەكشۈرۈلدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئىستىلنى پائال ياخشىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، بىر تۈركۈم بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. سىرتقا ئېچىۋېتىش، جەمئىيەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا، كارخانىلارغا سىياسەتنى يەتكۈزۈپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «<شىنجاڭنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى>نى باھالاش، يېتىشتۈرۈش چارىسى» قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ «قىيىن نۇقتا»لارنى ھەل قىلىشى، «توسۇق نۇقتا»لارنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ۋە ماركا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
«دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتى تۈزۈمنى «بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئورنىتىش» خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، 70 نەچچە تۈرلۈك تۈزۈمنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىستىلنى ياخشىلاشنى «يۇمشاق تەلەپ»تىن «قاتتىق چەكلىمە»گە ئۆزگەرتتى. يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى ياخشىلاشنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ، يىغىن(پائالىيەت) باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئىستىلنىڭ ياخشىلىنىشىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلدى. «ئىقتىدارسىزلىق، ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، ئاستىلىق، سۆرەلمىلىك»نى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، جەريان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، خىزمەت جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ھادىسىلىرىنى كۆرۈنەرلىك تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى بايلىق سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. ھۆكۈمەت تورىغا خېرىدار بولۇش كاپالەت پۇلىنى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا ئاپتوماتىك قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇپ، قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاز دېگەندىمۇ بەش كۈن قىسقارتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى؛ پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى مەركەزلىك تۈزەش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى پاكلىق خەۋپ - خەتىرى نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئامما ئارزۇ قىلغان جايدىن باشلاپ تۇتۇش قىلدى، ئامما رازى بولمىغان جايدىن باشلاپ تۈزەتتى. قورغاس ناھىيەسى كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆيلەردىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىش، تۇرۇبا تورى كونىراش، تام زەيلىشىپ كېتىش، سىرتقى تام ئۇپراپ كېتىش قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئولتۇراق رايوننىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تەكلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، «قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئۆزى تەكشۈرۈش + نازارەت قىلغۇچى تەرەپ چارلاپ تەكشۈرۈش + ئاھالىلەر ۋەكىللىرى نازارەت قىلىش + قۇرۇلۇش ئىدارىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك سۈپەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولۇشى، ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل، 31 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 29 كونا ئولتۇراق رايوننىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورى، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، تاشقى تېمى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى. ھازىرغىچە، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنىڭ %95ى تاماملىنىپ، بىر تۈركۈم كونا ئىمارەتلەرگە «يېڭى كىيىم» كىيگۈزۈلۈپ، يېپيېڭى قىياپەت ئارقىلىق شەھەر سۈپىتى ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە، ئاھالىلەر تۇرمۇشىنىڭ راھەتلىك دەرىجىسى ۋە بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.
«ئىلگىرى تاشقى تامنىڭ ئۇپرىشى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىدى، قىشتا پار ئانچە ئىسسىمايتتى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، بۇ يىل قىشنى جەزمەن ئىسسىق ئۆتكۈزىمىز.» قورغاس ناھىيەسى بىڭخۇا ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە خۇ مېڭتىڭ كۆپچىلىكنىڭ قەلب ساداسىنى ئېيتتى.
ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى سۇغىرىدىغان ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇ سىڭىپ كېتىش ئېغىر بولۇش، سۇ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ ئېتىزلارنى سۇغىرىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. بازار - كەنت كادىرلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ «ئالا قويماي ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەردىكى سۇ چىقىپ كېتىدىغان، سۇ سىڭىپ كېتىدىغان جايدىن 11نى، 49.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توپا ئۆستەڭنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەبلەغنى بىرتۇتاش بىرىكتۈرۈپ، سۇ چىقىپ كەتكەن نۇقتىلارنى مۇستەھكەملەشنى تەرتىپلىك تاماملىدى ھەم يېڭىدىن سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، 1500 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى، 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىزنى نورمال سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بازار - كەنت - گۇرۇپپا» ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇش - ئاسراش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش - ئاسراش مەسئۇلىيەت تورىنى زىچ توقۇدى.
ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى ئاجىز نۇقتىلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «سىياسەت يەتكۈزۈش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» بويىچە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن يېشىل مۇلازىمەت يولى تەسىس قىلىپ، «بىۋاسىتە ياردەم پۇل بېرىپ تېز بېجىرىش» ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ 316 ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تۈرلۈك يۆلەش سىياسىتى ياردەم پۇلىدىن 11 مىليون 970 مىڭ يۈەننى نەقلەشتۈردى. دىققەتنى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىش ھەققى ئېلىشتا خاتىرجەم بولۇش ھەرىكىتى»گە تايىنىپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە مەسلىھەتلىشىش ۋە بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ ھوقۇقنى قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا دائىر يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى قەرەلىدە بېجىرىش نىسبىتى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنىڭ %100 بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە يۈزلىنىپ، تېزدىن «يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسى»گە ئۆزگەرتىپ، ئىجادىي تەدبىرلەر ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، راۋان سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى «تەبەسسۇم مۇلازىمىتى» ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئاۋىياتسىيە تېز لىنىيەسى كاپالىتى» «كېچىكىپ كەلگەن يولۇچىلار» يولىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتى توشۇشقا 40 مىنۇتتىن ئاز ۋاقىت قالغان يولۇچىلارنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن ئالدىن تەمىنلەپ، يولۇچىلارغا سەپەر جەريانىدا قولايلىق ۋە ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.






