تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر: يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقتى

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4 - مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

قەشقەر: يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4 - مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن «قەشقەر يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقتى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى ساقلاپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 1955 - يىلىدىكى 150 مىليون يۈەندىن تېز ئۆرلەپ 2024 - يىلى 162 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 4 مىليون 920 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ 13 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 24 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 10 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئېشىپ 19 مىڭ 948 يۈەنگە يەتتى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشنىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدە، سىرتقا ئېچىۋېتىش باشتىن - ئاخىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم موتور بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلدى. رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلدى، 2024 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 99 مىليارد 441 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى، پات ئارىدا 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىدىكى%81 ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، «4 + 6» ئېچىۋېتىش تىپىدىكى كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونىنىڭ 2024 - يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىدا ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭ بويىچە 1 - لىك ساقلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قىممىتىدىن 15 مىليارد 320 مىليون يۈەن تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 ئاشتى.

ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلۇش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ جەلپكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز جىلۋىلەندى. A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 81ى بەرپا قىلىنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، يەكەن كونا شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. تارىخىي ئادىمىيەت، ئارخېئولوگىيەلىك مىراسلار، خەلق ئۆرپ - ئادىتى چوڭقۇر قېزىلىپ، يۈرۈشلۈك ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىلىرى بەرپا قىلىنىپ، يۈرۈشلۈك مۇسابىقىلەر، بايراملىق يىغىلىشلار، نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، «يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» بويىچە تەمىنلەش ئىقتىدارى تولۇق ئامىللىق ئۆستۈرۈلۈپ، غەربىي قىسىم رايونىدىكى تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ياشلار پۇتبول مەشىق بازىسى ياخشى قۇرۇلۇپ، «مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سودا» يۇغۇرما تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىپ، ساياھەتچىلىكتە «شىددەت بىلەن» ئېشىش نامايان بولدى، نۇرغۇن شەھەر - بازار ساياھەت سەۋەبىدىن گۈزەللەشتى، ساياھەت سەۋەبىدىن بېيىدى، ساياھەت سەۋەبىدىن گۈللەندى، گۈزەل قەشقەر بارغانسېرى كۆپ كىشى تەلپۈنىدىغان «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندى.

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، قەشقەر ۋىلايىتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئاساسىي قاتلامغا سېلىش، %80ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەھەر - بازارلاردا 63 مىڭ 900 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەردە «ھەممە ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ شېرىن ئۆتتى، تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى.

ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئامما ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش» «كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئون ماددىلىق تەدبىر»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» بويىچە 33 تۈرنى يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بىرىكمە تەدبىرنى ياخشى قوللىنىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلار ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.