تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى| «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى كەنت ئاھالىلىرىگە «بېيىش كۈنلۈكى» بولدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىسىدىكى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كىرىپ زىيارەت قىلدى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچىلەر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىدىكى «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى پارنىكتا مور ئۈزمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچىلەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىدىكى «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى پارنىكتا موگۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

    يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىقات سارىيىدا، بالىلار موگۇ باش تېما قىلىنغان ھەمتۈرتكە رايونىدا قانغۇچە ئويناپ، قىزىقارلىق سوئال-جاۋاب، تەقلىدىي يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش تۈرلىرى ئارقىلىق، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈش ئادىتى ۋە تۈر بىلىملىرىنى ئاسانلا ئىگىلىدى؛ زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ماشىنىدا شۇنچىلىك راۋان مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى؛ 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق ئامبىرىدا، ئاق مور، شياڭگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، كىچىك دوستلار يېڭىشەھەر ناھىيە جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىگە جايلاشقان «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىقات سارىيىدا يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈش ئادىتى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلىمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، كىچىك دوستلار يېڭىشەھەر ناھىيە جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىگە جايلاشقان «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىقات سارىيىدا يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈش ئادىتى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلىمەكتە.

    بۇ تۈرگە 67 مىليون 528 مىڭ 700 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 21 مىليون 530 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى 26 يۇقىرى ئۆلچەملىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش لاپىسى، 12 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيى سېلىندى، يېڭىدىن كۈنىگە 60 مىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بىرى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئىنچىكە پىششىقلاش لىنىيەسىدىن ئىككىسى سېلىندى ھەمدە ئوراش-قاچىلاش سېخى، مەھسۇلات كۆرگەزمە زالى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە زالى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىقات سارىيى ھەم زەمبۇرۇغ موگۇ بىلىملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارىدورى قاتارلىق ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ سېلىندى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچىلەر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىدىكى «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى جىنئەن بازىرى تەتۈر كەنتىگە جايلاشقان «لۇجياڭچىڭ» يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    ھازىر بۇ كارخانا ئەتراپتىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنى 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.