تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

داپ ئاۋازىدىن كەلگەن مىڭ يىللىق سادا كۇچا قەدىمىي شەھىرىنىڭ گۈزەل كېچىسى

   گۇگۇم چۈشكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە كوچىسىدىكى رەڭلىك سىزما ياغاچ ئىشىكلەر يورۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئىللىق نۇر چاچتى. كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدە داپ ئاۋازى بىلەن دۇتار ئاۋازى ئاستا-ئاستا ياڭرىدى، ناننىڭ مەززىلىك ھىدى ئون ئىككى مۇقام مېلودىيەسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

    يىپەك يولىدىكى «كۈسەن مەدەنىيىتى»نىڭ جانلىق ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كىچىك كوچىلارغا كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، كونا شەھەر رايونىنى يېڭىلاپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى نامايان قىلىدىغان ئېچىۋېتىلگەن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۇچاغا كېلىپ كۈسەن مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا، قەدىمىي شەھەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

    بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، كۇچا شەھىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 7 مىليون 142 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.97 ئاشتى؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ خىراجىتى 3 مىليارد 846 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.63 ئاشتى.  (تاڭ شياۋيۇڭ، ۋاڭ يۈرەن، تاڭ سۇڭ، تاڭ جيا، لى شىنياڭ)

ساياھەتچىلەر كۇچا كونا شەھىرىدىكى كىچىك كوچىلاردا داكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرماقتا.            خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى

كۇچا كونا شەھىرىدىكى كىچىك كوچىلاردا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.      خەلق تورى ۋاڭ يۈرەن فوتوسى

كۇچا كونا شەھىرىدىكى كىچىك كوچىلار ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى.    خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى

كۇچا ئىشىك بازىرى كوچىسىدا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.     خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان ساماۋەر ئۇسسۇلىنىڭ ۋارىسلىرى ساياھەتچىلەرگە كۈسەن ناخشا-ئۇسسۇلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.    خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى

كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە كوچىسىدىكى پۇقرالار چوڭ سەھنىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.        خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا.     خەلق تورى مۇخبىرى تاڭ سۇڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا.         خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى

كۈسەن كىچىك كوچىسىدا، ساياھەتچىلەر داكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرماقتا.      خەلق تورى لى شىنياڭ فوتوسى

​«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.