تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى | جياڭشى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 3000 مو يەردىكى لۇسۈن كەسپىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتىدىكى 3000 مولۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئوت ئوتىماقتا.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتىدىكى 3000 مولۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە، نەچچە مىڭ مو يەردىكى ياپيېشىل لۇسۈن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى، لۇسۈن بازىسىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل مەمەت بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئوت ئوتاپ لۇسۈننىڭ تىمەن مايسا تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى. بۇ لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بۆلەك رايونى ھېسابلىنىدۇ. جياڭشىنىڭ مۇھىم بولغان كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نەچچە مىڭ مولۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە مول ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلدى.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتىدىكى 3000 مولۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسىدا زىيارەت قىلماقتا.

    لۇسۈن كۆپ يىللىق كۆكتات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر قېتىم تېرىغاندىن كېيىن ئۇدا كۆپ يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. 2024-يىلى، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى لۇسۈن ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىنىڭ قۇم كەنتىدىكى تەخمىنەن 200 مو كېلىدىغان يەردە 12 خىل سورتتىكى لۇسۈننى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، تەخمىنەن 100 توننا يېڭى لۇسۈن شياڭگاڭغا سېتىلدى. بۇ يىل جامالتېرەك يېزىسىدا 3000 مو ئوچۇقچىلىقتا لۇسۈن ئۆستۈرۈشتە ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. بۇ بازا دېھقانلارنى 250 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشچى 150، ۋاقىتلىق ئىشچى 100. ھەربىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلگەن ئېگىزلىك لۇسۈنىنىڭ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئاز، سۈپىتى ياخشى، تەمى تېخىمۇ تاتلىق ھەم چۈرۈك بولۇپ، بازاردا ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جامالتېرەك يېزىسى قاشبويى كەنتىدىكى 3000 مولۇق لۇسۈن ئۆستۈرۈش بازىسىدا تۇپراقنى يۇمشاتماقتا.

   كېيىنكى قەدەمدە، بازا يەنە يەر بايلىقىنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن يەرلەرنى سىجىل بەرپا قىلىپ، كەلگۈسىدە ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 20 مىڭ موغا كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى لۇسۈن ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلۈپ مول ھوسۇل ئېلىنغان يېڭى لۇسۈن.

​8-ئاينىڭ 14-كۈنى، لۇسۈندىن ياسالغان پېچىنە قاتارلىق مەھسۇلاتلار.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.