□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سافادا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ۋۇ شۇخۇا سۈرەتتىكى ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئەسلىمە دېرىزىسى بىردىنلا ئېچىلىپ، ئوي - خىياللىرى خۇددى كەلكۈندەك مەۋج ئۇردى...
67 يىل ئىلگىرى، 1958 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 19دا، ۋۇ شۇخۇا يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتى بۇرغىلاشنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى قۇدۇقتىن نېفىت ئېتىلىپ چىقتى. «ئاچا - سىڭىللار خۇشاللىقىدىن ماينى بىر - بىرىنىڭ يۈزىگە سۈرتتى، شۇنداقلا يەنە بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئېرىگە كۆرسەتمەكچى بولۇشتى.» ۋۇ شۇخۇا بارماقلىرى بىلەن ھەربىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئاياللار مۆجىزىسى ياراتقانلىقىدەك بىر بۆلەك باتۇرانە ھەرىكىتىنى سۆزلەپ بەردى.
ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى 1958 - يىلىغا قايتۇرساق، قاراماينى كەڭ ئېچىش بۇرغىسى چېلىندى. ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋۇ شۇخۇا بىلەن ئېرى ئۈرۈمچىدىن قارامايغا يۆتكىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.
1958 - يىلى 5 - ئايدا، گوۋۇيۈەن قاراماي شەھىرى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، ۋۇ شۇخۇا شەھەر قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.
1958 - يىلى 7 - ئايدا، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى يۈمېندا نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى، ۋۇ شۇخۇا يىغىن تاپشۇرۇۋالغان قارامايدا يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى «8 - مارت» ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تېلېگراممىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قارامايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جى جىنياۋ ئۇنى يۆتكەپ «8 - مارت» ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ جىداۋيۈەنلىكىگە تەيىنلىدى.
«يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 29 ياش، ئەڭ كىچىكى 16 ياش بولۇپ، جەمئىي 42 كىشى بار ئىدى، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقانىدى.» ۋۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تېخنىكا بىلمەيتتى، نۇرغۇن ئاچا - سىڭىللار بۇرغىلاشنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بولۇپ، پۈتۈن ئەترەتتە پەقەت جاۋ شياۋجاۋلا نېفىت كەسپىدە ئوقۇغانىدى.
بۇرغىلاش نەق مەيدانىغا تۇنجى قېتىم بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئەر يولداشلارنىڭ ئۇلارنى بۇرغىلاش سۇپىسىغىمۇ چىقارمىغانلىقى ۋۇ شۇخۇانىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. «سىلەر ئاياللار نېمە قىلغىلى كەلدىڭلار؟ سىلەرگە جان كېرەك ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ، بالىلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالساڭلار بولمىدىمۇ.» ئەر يولداشلارنىڭ سۆزلىرى ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى ھەربىر ئەزاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.
ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى ئاچا - سىڭىللارغا نىسبەتەن، ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت - تەبئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىشتە ئايال يولداشلار ھەرگىز پۇتلىكاشاڭ بولسا بولمايتتى. ئارقىدىن ئاچا - سىڭىللار قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ، بۇرغىلاشقا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئون نەچچە كۈن ۋاقىتتىلا، بۇرغىلاش تېخنىكىسى، بۇرغا دەستىسىنى ئۇلاش ۋە بۇرغىنى كۆتۈرۈش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى ئىگىلىدى.
«تۇنجى قۇدۇقنى بۇرغىلاش باشلانغان شۇ كۈنى، 42 ئاچا - سىڭىلنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندا تۇرۇپ، كېتىشكە ئۇنىمىدى.» ۋۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: شان - شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن چىشىنى چىشلەپ ئىشلىگەن ئاچا - سىڭىللار 17 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۇنجى قۇدۇقنى بۇرغىلاشنى تاماملىدى.
قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مايبۇلاق تېغى ئەتراپىدا تېيىز قۇدۇق بۇرغىلاش ئىدى.
ئەينى چاغدا قارامايدا مۇنداق قوشاق تارقالغانىدى: ئاسماندا قۇش يوق، يەردە گىياھ، شامال تاشنى ئۇچۇرار...
يازدا قۇدۇق مەيدانىغا ئېلىۋالغان قورۇمىلار ئاپتاپتا ناھايىتى ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، چۈشلۈك تاماقتا پەقەت موما بىلەن چىلىغان سەيلا يېيىشكە توغرا كېلەتتى، ئەينى چاغدا قارامايدىكى ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نورمىلىق سۇ ئىشلىتەتتى، بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى ھەربىر ئەزا بىر سۇدان سۇنىلا ئېلىۋالالايتتى؛ قىشتا چۆل - باياۋاننىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 30 - 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشەتتى، ئاچا - سىڭىللار پاختىلىق چاپان، پاختىلىق ئىشتان، تېرە جۇۋا ۋە پىيما كىيەتتى، ئۇچىسىدىكى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ئېغىرلىقىلا 10 نەچچە كىلوگىرام كېلەتتى، يەنە نەچچە ئون كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بۇرغا دەستىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئەڭ جاپا تارتىدىغىنى دىزېل ماشىنىسى ئىشچىسى بولۇپ، قىشتا قۇلاقچىسىنى چىڭ ئېتىپ كىيەلمەيتتى، ئۇلار ھەرۋاقىت ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قۇلىقى توڭلاپ ئۈششۈپ قالاتتى.
ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش قۇدۇق مۇستەھكەملەش مەشغۇلاتى بولۇپ، بەش توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى قۇدۇق مەيدانىغا ھەيدەپ كېلىنىشى بىلەن ئاچا - سىڭىللار سېمونتنى تېزدىن چۈشۈرۈپ ھەم سېمونتنى ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەپ ئەكىلىپ، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، قۇدۇقنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتەتتى. «بىر خالتا سېمونت 50 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا بولۇپ، بەزى ئاچا - سىڭىللار بىر خالتىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، يەنە بىر خالتىنى قولىدا كۆتۈرۈپ، يول بويى يۈگۈرگىنىچە سېمونتنى ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا توشۇيتتى، چۈنكى بىر مىنۇت كېچىكىپ قالسا، قۇدۇق كاردىن چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.» ۋۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەتنى زىيانغا ئۇچراتساق بولمايدۇ - دە، ھەر قېتىم سېمونت توشىغاندا، 42 ئاچا - سىڭىلنىڭ ھەممىسى ئىش مەيدانىغا كېلەتتى، سېمونتنى توشۇپ بولغاندا كۆپچىلىك ھېرىپ كەتكىنىدىن ئۇستىخانلىرى ئاجراپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ، ياتقان يېرىدىن تۇرالمايلا قالاتتى.
مۇشۇنداق جاپالىق ئىشنى ھازىر قىلىشنى ئويلىساق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بىراق ۋۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، شۇ چاغدا ھەر بىرەيلەننىڭ قەلبىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئېتىقادى بار ئىدى، بۇ ئېتىقاد بىزگە پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ بېغىشلىغانىدى!
بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك قايشا كۆكسېگىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇدۇق جازىسى ئىشچىسى، سېمونت لاي ئىشچىسى، دىزېل ماشىنىسى ئىشچىسى، پومپا ئىشچىسى ھەم بۇرۇلچىك بولغان، ئۇ ۋىجىك بولسىمۇ بىراق جىسمىدا بىرخىل قەيسەرلىك بار ئىدى. ئەينى چاغدا بۇرغىلاش ئەترىتى كۆچكەندە، نەچچە يۈز تال بۇرغا دەستىسى پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يۈدۈپ توشۇلغان بولۇپ، قايشا كۆكسېگىننىڭ مۈرىسى سۈركۈلۈپ قىزىرىپ، ئىششىپ، يارا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ مۈرىسىگە لۆڭگە قويۇپ داۋاملىق ئىشلىگەنىدى. «مەن ئوغۇل بالىغا ئوخشايتتىم، ھېرىپ - چارچاشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم.» 83 ياشلىق قايشا كۆكسېگىن ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللارنى ئەسلىگىنىدە ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1958 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە، ئاياللار بۇرغىلاش ئەترىتى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مايبۇلاق تېغى، خۇڭشەنزۇي، چيەنشەن لاۋبا قاتارلىق جايلاردا 80دىن ئارتۇق ئېچىش قۇدۇقى ۋە چارلاش قۇدۇقى بۇرغىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت چارلاش - ئېچىش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان. ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرۈشى ئۇلارنىڭ كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىدە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆز غايە - ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈپ، ئاياللارنىڭ دۆلەتنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىدە.






