ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسى زىيارەت ئۆمىكى كۇچا شەھىرى كۈسەن تار كوچىسىغا كېلىپ، جېجياڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنى ئىگىلىدى، ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانا بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى يەر بەلگىسى بەرپا قىلدى.

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر كۇچا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى يادرولۇق رايونى − كۈسەن تار كوچىسىغا كەلدى.
كۈسەن تار كوچىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.2 كىلومېتىر كېلىدۇ، يۈز يىللىق كونا ئۆيدىن 10ى، يۈز يىللىق قەدىمىي دەرەختىن 12 تۈپ بار بولۇپ، كۇچا كونا شەھىرىنىڭ ئەندىزىسىنى مۇكەممەل ساقلاپ كەلمەكتە. كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ زېكاڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، كۈسەن تار كوچىسىدا كۈندىلىك ساياھەتچى ئېقىمى 20 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا، ھەپتە ئاخىرىدا 30 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىزمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىۋاتىمىز».

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكى كۈسەن تار كوچىسىدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى تاماشا قىلماقتا.
2024-يىلى، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم بېرىپ قۇرۇش مەبلىغى سېلىپ، كۈسەن تار كوچىسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، «1-قىزلار سىفەن مەكتىپى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، «شەھەر كىتاب ئوقۇش ئۆيى» قۇرۇش، «نىساخاننىڭ قەدىمكى تۇرالغۇسى»، «گۈلىنىڭ ئۆيى»، «يۇڭكۇ كوچىسى»نى رېمونت قىلىش ۋە «گاۋتەي ئاھالىلەر كوچىسى» بەرپا قىلىش قاتارلىق سەككىز خاس تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خاس مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى يەر بەلگىسىنى بەرپا قىلدى. 2024-يىلى، كۈسەن تار كوچىسىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت كەسپى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم ئۈلگە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، «كەسىپلەر گۈللەنگەن، مۇھىتى گۈزەل بولغان، ئاھالىلەر بېيىغان» مەدەنىيەت-ساياھەتنى گۈللەندۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈسەن تار كوچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
كۈسەن تار كوچىسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاھالىلەر ۋە سودىگەرلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە مىڭ يىللىق قەدىمىي كوچىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈسەن تار كوچىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.
نۆۋەتتە، كۈسەن تار كوچىسىغا قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت سۈرىتى تارتىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك سودىگەرلەردىن 33ى ماكانلىشىپ، 70 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنىپ، 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى، ئەتراپتىكى كەسىپ ھالىتىنىڭ پايدىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ %32 ئاشتى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈسەن تار كوچىسىدا ئەتلەس پانۇس تېمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






