تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى| قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيى: شېنجېن بىلەن قەشقەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق «يېڭى نام كارتىسى»

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى ) 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيى ئەقىل-پاراسەت نۇرى كۆرگەزمە زالىدا، بالىلارنىڭ ھاياجانلىق سادالىرى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئەۋجىگە چىقاتتى. شۇ كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېما زىيارەت كوللېكپىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان ئىمارەتكە كېلىپ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان شېنجېنقەشقەر ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈستىدە ئىزدەندى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيىدىن بىر كۆرۈنۈش.

    ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 11 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ پەن-تېخنىكا سارىيى شېنجېننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى. پىلان تۈزۈلۈپ 2023-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگۈچە، ھەر بىر پارچە خىشقا ئىككى جاينىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن. قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا يولغا قويۇشتىكى يادرولۇق بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيى ئالتە كۆرگەزمە زالى ۋە ئۈچ ئالاھىدە تىياتىرخانىدا تاغ-دېڭىزدىن ھالقىغان پەن-تېخنىكا كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيى ئىلىم-پەن سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كۆرگەزمە زالىدا تۈرنى ھېس قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر كىچىك دوست قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ بالىلار ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆرگەزمە زالىدا تۈرنى ھېس قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كىچىك دوستلار قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ ئىلىم-پەن سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كۆرگەزمە زالىدا كۇبىك ماشىنا ئادەم تۈرىنى ھېس قىلماقتا.

     قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيى 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلغان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شېنجېن بىلەن قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم كۆۋرۈككە ئايلىنىپ، تىيانشان ئېتىكىدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ پارلاق نۇرىنى چېچىپ، قەشقەرنىڭ يارقىن «يېڭى نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىر كىچىك دوست قەشقەر پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ ئىلىم-پەن سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كۆرگەزمە زالىدا يۇلتۇز تونېلى تۈرىنى ھېس قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.