
1958 - يىلى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا سىملىق تېلېفون ئورنىتىلدى. سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
«ۋەي، ۋەي، مەن چارلاش ئۆيىگە بىخەتەر قايتىپ كەلدىم، پونكىتتىكىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار.» 1961 - يىلى كەچ كۈزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، سابىق قومۇل ئۇزۇن يوللۇق تېلېگراف لىنىيەسى ئىشلىرى پونكىتى كۇشۇي لىنىيە ئاسراش چارلاش ئۆيىدە، 21 ياشلىق گو جېنلىڭ قارا باكېلىت تېلېفون تۇرۇپكىسىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىدى، ئوڭ قولى بىلەن تېلېفوننىڭ يان تەرىپىدىكى يۇمىلاق دەستىسىنى قايتا - قايتا ئايلاندۇردى. تېلېفوندا مۇشۇنداق سۆزلىشىش ھەر كۈنى بولۇپ تۇراتتى، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۇزۇن يوللۇق تېلېگراف لىنىيەسىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1955 - يىلى، كۇشۇي لىنىيە ئاسراش چارلاش ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گو جېنلىڭغا ئوخشاش 20 نەچچە كىشى بۇ يەردە خىزمەت قىلدى.
«ھەر كۈنى قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون ئارقىلىق پونكىت بىلەن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم سۆزلىشىپ تۇراتتۇق، ئىككى قېتىم لىنىيە يولىنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىقىنى سىنايتتۇق، بىر قېتىم تىنچ - ئامانلىقىمىزنى مەلۇم قىلاتتۇق.» ئەينى يىللارنى ئەسلىگەندە، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش ئىدارىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى 85 ياشلىق گو جېنلىڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئەينى چاغدا قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۆلچەملىك نامى ماگنىتلىق تېلېفون ئىدى، تېلېفوننىڭ يان تەرىپىدە «L» شەكىللىك قول بىلەن ئايلاندۇرغۇچ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان» تېلېفون دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
گو جېنلىڭ 1960 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ قومۇل پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىدە خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىل جەريانىدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون بىلەن ھەپىلەشتى، ئەينى چاغدا گو جېنلىڭ سىرتقا چىققاندىمۇ تېلېفوننى يۈدۈۋالاتتى، قايتىپ كەلگەندە ئاندىن تېلېفوننىڭ چاتقۇچىنى چېتىپ قوياتتى.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، شىنجاڭدا ئاساسەن دېگۈدەك ئىدارە ياكى كوللېكتىپلاردا تېلېفون ئورنىتىلغانىدى. ئامما تېلېفون بېرىش ئۈچۈن جەزمەن پوچتا - تېلېگراف تىجارەت زالىغا بېرىپ نومۇر ئالاتتى، ئۆچرەتتە تۇراتتى، ساقلايتتى، مۇبادا باشقا ئۆلكىلەرگە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون بەرمەكچى بولسا، يەنە ناھىيە، شەھەر، ئاپتونوم رايون قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن باش ئاپپارات ئارقىلىق ئۇلاپ بېرىلەتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان جاۋ چۈەنخۇڭ ھەر كۈنى جياۋخۇەنجى ئالدىدا چاتقۇچنى نەچچە يۈز قېتىم چېتىپ ئۈزەتتى. «ئەڭ يىراقتىكى يېزىلىق پوچتىخانىغا بىر قېتىم تېلېفون ئۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ - تۆت قېتىم ئۇلاپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى، ۋارقىراپ كانىيىم پۈتۈپ كېتەتتى.» 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، ئۇ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە پىروگراممىلىق تېلېفوننى ئورنىتىش، تەڭشەپ سىناشقا قاتناشقان، رەقەملىك سىگنالنىڭ ئادەمنىڭ ئۇلاپ بېرىشىنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاپپارات ئۆيىدە ئون يىل تۇرغان بۇ قىزنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى. خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نەچچە ئون يىل ئىشلىتىلگەن قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.
شۇنىڭدىن كېيىن، تېلېفون ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىدى، «تېلېفون ئورنىتىش قىزغىنلىقى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قوزغالدى. خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چاقىرغۇ، «داگېدا» قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى سەھنىگە چىقتى، يەنە يېڭى مەھسۇلاتلار تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن شاللىۋېتىلدى. نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئۆتتى، تېلېفون ئورنىتىش ئەمدى قىيىن ئىش بولماي قالدى، يان تېلېفون ھەممە ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر نەرسە بولۇپ قالدى.
يېڭى ئەسىرگە كىرگەندە، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، 5G-A ،5G ،4G ،3G يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى خەۋەرلىشىش تورىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋېلىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى.
2018 - يىلى، جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى خوتەن كېرىيە ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەلى قادىر خىزمەتداشلىرى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە 3G ئاساسىي پونكىتىنى قۇراشتۇردى، تور سىگنالى تۇنجى قېتىم كېرىيە دەرياسى بويىدىكى دەريا بويى يېڭى كەنتىنى قاپلاپ، بۇ ئەڭ يىراقتىكى قۇملۇق كەنتتە «تاغ، قۇملۇق ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئاۋاز توسۇلماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەنت ئاھالىلىرى چاي، قوغۇن - تاۋۇزلارنى ئېلىپ كېلىپ رەھمەت ئېيتتى، خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.
كېيىن، كەنتنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنىڭ دەرىجىسى قەدەممۇقەدەم ئۆرلىتىلدى، 2021 - يىلى 4G تورى ئېچىلدى، 2024 - يىلى 5G تورى ئېچىلدى، بىرنەچچە يىلدا، دەريا بويى يېڭى كەنتى تەدرىجىي ھالدا يېپيېڭى رەقەملىك دۇنياغا قەدەم قويۇپ، بۇ ئەڭ يىراقتىكى قۇملۇق كەنت دۇنيا بىلەن زىچ باغلاندى.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا مەيلى ئېگىزلىكتىكى جىلغىلاردا، قارلىق تاغنىڭ چوققىلىرىدا بولسۇن، ياكى چۆل - باياۋان، ئورمانلىق، يايلاقلاردا بولسۇن، خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5380 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى جەڭچىلەر 5G تورى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىندا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى؛ ئالتايدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر VR كۆزەينىكىنى تاقاپ «بۇلۇتلار ئارىسىدا قار تېيىلىش»نى ھېس قىلدى؛ قەشقەردىكى كېۋەزلىكتە، نەرسە تورى ئورنىتىلغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن تۇپراققا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ھەر ۋاقىت يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى... قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفوندىن چىققان «ۋەي، ۋەي» دېگەن ئاۋازدىن 5G دەۋرىدىكى «سېكۇنت ئىچىدە يەتكۈزۈش»كىچە، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بوشلۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان رەقەملىك ماكاننى بەرپا قىلدى.
«قومۇل ئاراتۆرۈك ناھىيەسى ھېسابلاش ئىقتىدارىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدا، بىر دەرىجىدىن تاشقىرى مېڭە قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇلۇت ھېسابلاش شۇ جايغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە سىرتقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى.» گو جېنلىڭ «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت»تە شىنجاڭدىكى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندە، كۆز ئالدىدا ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەر ئەكس ئەتتى.
شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ بويىچە 5G ئابۇنىچىلىرى 20 مىليونغا يېقىنلاشقان. ئەينى يىلى گو جېنلىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ساقلاپ كەلگەن ئاشۇ قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان تېلېفون بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى تارىخىي كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قويۇلغان بولۇپ تىپتىنچ تۇراتتى.






