
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنىڭ ئەزالىرى قورغاس شەھىرىگە كەلدى. شۇ كۈنى، مۇخبىر قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكىغا كىرىپ، قاتار-قاتار شوخلا مايسىلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، يوپۇرماقلارنىڭ ياپيېشىل تۈسكە كىرىپ، ساڭگىلاپ تۇرغان پېلەكلەرنىڭ دانە-دانە شوخلىلار بىلەن تولغانلىقىنى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىم شوخلىلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
سانائەت باغچىسىغا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، پىلاندىكى ئومۇمىي كۆلىمى 1000 مو كېلىدۇ. ھازىر 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 400 موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ليەنيۈنگاڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 103 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. پارنىكتىكى شوخلىنىڭ ھوسۇلى ئادەتتىكى پارنىكنىڭ 10 ~ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ھەر مو يەردىن 40 توننا ئەتراپىدا شوخلا چۈشىدىغان بولۇپ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 400 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا بازار تېپىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ سېتىلدى. ھازىر، كەسىپلەر باغچىسى ئەتراپتىكى يېزىلارنى 150 تىن 170كىچە بىۋاسىتە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىم 6000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرلار قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا، خىزمەتچى خادىملار ماشىنا بىلەن پىششىق مەشغۇلات قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا، خىزمەتچى خادىم شوخلا ئۈزمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىم شوخلا ئايرىماقتا.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىم شوخلىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ يەشىككە قاچىلىماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






