تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى | پەيزاۋات شىنمېيسى شېرىن كەسىپنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىلىق زىيارەت كوللېكتىپى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىغا كىردى. گۇاڭدۇڭ فوشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، پەيزاۋات شىنمېي كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتورىغا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق شىنمېي مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ ساتماقتا.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش رايونىدا شىنمېيلارنى تۈرگە ئايرىماقتا.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پەيزاۋات شىنمېي قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، 1 ـ، 2 ـ، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈلگە رايونى، دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقىدىكى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە» بازىسى، مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش رايونىدا شىنمېيلارنى سېۋەتكە قاچىلىماقتا.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش رايونىدا شىنمېيلارنى سېۋەتكە قاچىلىماقتا.

   پەيزاۋات ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنمېي كەسپىنىڭ «يۈرىكى»بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ %50ىنى، مەھسۇلات مىقدارى %70ىنى ئىگىلىدى، بۇ يىل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 570 مىڭ موغا، مېۋىلەش كۆلىمى 450 مىڭ موغا يېتىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 410 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 19 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى شوپۇرى پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى سوغۇق ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئايرىش رايونىدا شىنمېينى ئامبارغا كىرگۈزمەكتە.

   پەيزاۋات ناھىيەسى كەلگۈسىدە شىنمېي كەسپىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ جەھەتتىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا پۇختا كەسىپ ئاساسى سالىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.