تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى | قەشقەر سودا يەرمەنكىسى «غەربكە ئېچىۋېتىش»تىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر رايون ھەمكارلىقىغا ھۆسن قوشتى

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر سودا يەرمەنكىسى مەيدان-سارىيىدىن بىر كۆرۈنۈش.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر. ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا زىيارەت قىلدى. شۇ كۈنى، 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر. ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» دېيىلدى) قەشقەر خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. 40 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چېگرا سىرتىدىكى 181 كارخانا، دۆلەت ئىچىدىكى 1120 كارخانا يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەرگە جەم بولۇپ، ئېچىۋېتىش ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلاندى. بۇ نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسى چېگرا رايون دۆلەت سودىسى كۆرگەزمە رايونىدا جەمئىي 160 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پاكىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلگەن تاۋارلار ھەمدە شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن، شەندۇڭ قاتارلىق شىنجاڭغان ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ھەم يەرلىك ئېسىل بۇيۇملار توپلانغان بولۇپ، بىر مەيدان مول، رەڭدار تاۋار كۆرگەزمە كاتتا زىياپىتىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى. 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر. ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى دۆلىتىمىزنىڭ «غەربكە ئېچىۋېتىش»تىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئارتىسلار كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

   قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچى مۇھىم رول ئوينىماقتا. شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر يەرلىك كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، ئىلغار تېخنىكا، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى قەشقەر سودا يەرمەنكىسى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كارخانىلار ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ رايون ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ھەم خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ھەم خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر پاكىستان كۆرگەزمە رايونىدا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شەندۇڭ كۆرگەزمە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

​8-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر گۇاڭدۇڭ كۆرگەزمە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.