
1959 - يىلى ئايروپىلاندىن تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى بېيمېن تەۋەلىك رايونى. □سۇڭ شىجىڭ فوتوسى سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. □ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ
1959 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى. موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىچىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى سۇڭ شىجىڭ 1000 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى. ئايروپىلان دېرىزىسى خۇددى دەۋر سۈرەت رامكىسىغا ئوخشايتتى، ئۇ پەستىكى بېيمېن تەۋەلىك رايونىنى رامكىغا توغرىلاپ، ئاپپارات كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بېيمېننىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى بىلەن ئايروپىلان قانىتىنى سۈرەتكە تارتىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدا قىممەتلىك دەۋر ئىزناسى قالدۇردى.
«شۇ يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى ئىدى، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، مەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.» سۇڭ شىجىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئايروپىلانغا 20 نەچچە كىشى ئولتۇرالايتتى، ياش مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن فوتو ئاپپاراتنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدىم، ھەممىلا نەرسە يېڭىلىق تۇيۇلاتتى. كامېرادا، گىرەلىشىپ كەتكەن كېسەك ئۆيلەر بىلەن خىش ئۆيلەرنىڭ مودېل ياغاچقا ئوخشاش تىزىلغانلىقى، گىرەلىشىپ كەتكەن توپا يوللار بىلەن شېغىللىق كوچىلارنىڭ زىچ تور ھاسىل قىلغانلىقى، تونۇش يەر بەلگىلىرىنىڭ كىچىكلەپ نەپىس قەغەز قىيمىغا ئوخشاپ قالغانلىقى نامايان بولدى... ئۇ چاغدىكى ئۈرۈمچى دەل يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، چۆل - باياۋان گىرۋىكىدە ئاستا - ئاستا يېيىلىپ تۇراتتى.
سۇڭ شىجىڭنىڭ دەۋر ئالبومىنى ۋاراقلىساق، كونا سۈرەتلەر بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. 1959 - يىلىدىكى بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتتە، ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدا ئىككىلا كىچىك ئايروپىلان توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىياپىتى خاتىرىلەنگەنىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇ چۆل - جەزىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، توپا يولنى چىڭداش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر، كەڭلىكى 100 مېتىر كېلىدىغان بىرلا ئۇچۇش - قونۇش يولى، 560 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى بار، پەقەت لى - 2، يۈن - 5، ئىل - 14 قاتارلىق كىچىك تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىلا ئۇچالايتتى ۋە قونالايتتى.
1971 - يىلى، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، ھەم نامى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى دەپ بېكىتىلدى، نىشان «شىنجاڭ ئارقىلىق ئۇچۇپ چىقىدىغان خەلقئارا ئايروپورت» قۇرۇپ چىقىش ئىدى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئۇنى مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 1994 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان 2 - قېتىم ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى؛ 2007 - يىلى 3 - قارارلىق ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسى قەد كۆتۈرۈپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 2011 - يىلى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن، 2016 - يىلى 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشىغا، 2024 - يىلى 27 مىليون 765 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىشىگە تۈرتكە بولدى... سانلارنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىگە شەھەر بىلەن ئايرودۇرۇمنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش شىفىرى يوشۇرۇنغان.
70 يىل ئۆتۈپ كەتتى، سۇڭ شىجىڭنىڭ كامېراسىدىكى كونا قىياپەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ يېڭى تۈس ئالدى. «ئايرودۇرۇم شەھەرنىڭ كۆزنىكى، شۇنداقلا رايون تەرەققىياتىنىڭ موتورى.» ئۇنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى گۇۋاھلىق يوشۇرۇنغانىدى.
ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇش - قونۇشتىكى توپىلىق يول، پاكار بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن ھازىرقى پولات - تۆمۈر تۈگۈنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋىياتسىيە بىناسىغىچە، ئۇچۇش - قونۇش يولى ئۇپۇق سىزىقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، ئاۋىياتسىيە بىناسى خۇددى غايەت زور قۇشتەك قانىتىنى يايدى، كېلىپ كېتىۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقى يىپەك يولىنى ھاسىل قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى بۇ شەھەر بىلەن دۇنيانى زىچ تۇتاشتۇردى.
2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن «ھاۋا يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» غەربىي شىمال ئاسمىنىدا جۇلالاندى. 4F دەرىجىلىك ئىككى ئۇچۇش - قونۇش يولى خۇددى كۈمۈش لېنتىدەك بۇلۇتلار ئارىسىغا سوزۇلغانىدى، 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى خۇددى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى: يولغا چىقىش زالىدىكى سەككىز ئايروپىلانغا چىقىش ئورنىدا 168 پوكەي تىزىلغان بولۇپ، 54 ئاپتوماتىك ھاۋالىلىك توشۇش پوكىيى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدۇ؛ 120 ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە چىراي تونۇتۇپ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدىكى يۈرۈش مۇساپىسى ئۇچۇرىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن چىقارغىلى بولىدۇ؛ ئادەم بىلەن يۈك - تاقنى باغلاش سىستېمىسى چۈشۈپ قالغان بۇيۇملارنى تېز سۈرئەتتە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، 65 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى كېلىپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئېقىمىنى تارقاقلاشتۇرىدۇ؛ قاتناش مەركىزى ئاۋىياتسىيە، مېترو، ئاممىۋى قاتناشنى تۇتاشتۇرۇپ، «نۆل ئالمىشىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ، ئەينەك تامدىكى بۇلۇتلارنىڭ شولىسىغا نەزەر سېلىپ، سۇڭ شىجىڭ كونا ئالبۇمدىكى 1959 - يىلى تارتىلغان ئايروپىلان قانىتىنىڭ سۈرىتىنى بارمىقى بىلەن كۆرسەتتى، ئۇ يەنە كۆز ئالدىدا ئۇچۇپ قونۇۋاتقان چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇ، قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت يەر بەلگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ دۇنياغا ئاچقان كەڭ قۇچىقى، يىپەك يولى يېڭى مۇساپىسىدىكى مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش كوردىناتى».






