□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتا، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ يولى خەلقنىڭ دەردىگە يېتىشتە. ئاساسىي قاتلام ئاممىغا ئەڭ يېقىن جاي، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىنى تۇتاشتۇرىدىغان «بىرىنچى سەپ»، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، ئۇنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاساسىي قاتلامنى چۈشەكتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تۈزۈم قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بىر قاتار «كۈچلۈك يادرو»لۇق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، «يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش» «ھەقىقىي يۈكنى يېنىكلىتىش»نى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلىنىشىغا، ئىستىلنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە نەپكە ئېرىشتۈردى.
يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقىتنى باشقۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىلگىرى، ئايىغى چىقمايدىغان يىغىنلار، تۈگىمەيدىغان تەكشۈرۈشلەر، رەتلەپ تۈگىتەلمەيدىغان ماتېرىياللار شەكىلسىز كىشەنگە ئوخشاش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى لاۋازىمەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتۇرۇپ قويغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋىلى، سانلىق مەلۇماتلارنى «پەقەت بىر قېتىملا يوللاش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ھۆججەت تۈزۈش - تارقىتىش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى «ماتېرىيال دۆۋىسى»دىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بىر يىلدىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى كونكرېت ئەمەلىي ئىشلارغا سەرپ قىلدى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى جاپالىق ئۈنۈمسىز ئەمگەكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدارە قىلىش بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ، يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش بولماستىن، بەلكى كاشىلا ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي نەتىجە كوردىناتىنى توغرىلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى «ئېغىر» بولۇشنىڭ مەنبەسى شەكىلۋازلىقتا، شەكىلۋازلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنىڭ يىلتىزى سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدە. شىنجاڭ بۇ جاھىل ئىللەتنى پائال تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، يىلتىزى يۇقىرىدا» بولۇشتەك بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى ئۈنۈملۈك توستى. تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشتىن نامۇۋاپىق ۋىۋىسكا ئېسىشنى ئېنىقلاش، ئىخچاملاشقىچە، يەنە «ئۈچنى قېلىپلاشتۇرۇش» تىزىملىكىدە ئاساسىي قاتلامغا «زىممىگە ئالماسلىق» ھوقۇق چېكى بېرىشكىچە، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەر شەكىلۋازلىقنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى جەھەتتىن «مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش»نى توسۇپ، «يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش» بىلەن «تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇش»نىڭ بىردەكلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى ئاخىرىدا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلىدۇ. يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلانغاندىن كېيىن، كادىرلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا سەرپ قىلدى، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى؛ مەلۇمات جەدۋىلى، ماتېرىيال يوللاش يۈكى يېنىكلىدى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولدى؛ «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» ھادىسىسى پەسەيدى، ئاممىۋى مۇلازىمەت تېخىمۇ تۈجۈپىلىك، دەل جايىدا بولدى. يۈكنى يېنىكلىتىش پايدىسى ئاساسىي قاتلامغا سىجىل كېڭىيىپ، بارغانسېرى كۆپ ئامما ئىش بېجىرىشنىڭ قولايلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇلازىمەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلدى، بۇ دەل ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى.
ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، بىراق نۆۋەتتە قىسمەن جايلاردا شەكىلۋازلىقنىڭ ئىسكەنجىسى يەنىلا مەۋجۇت، «قۇرۇق نام - ئاتاق قوغلىشىش» «مەۋھۇم ئىش قىلىش»تەك بىر قىسىم ناتوغرا ئۇسۇللارغا يەنىلا مەلۇم بوشلۇق بار، «ئاممىنىڭ نارازىلىقىدىن قورقماي، رەھبەرلەرنىڭ دىققەت قىلماي قېلىشىدىنلا قورقۇش»تەك ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇر يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، «يۈكنى يېنىكلىتىش» نامى بىلەن ئەمەلىيەتتە «مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە ھۇرۇنلۇق» قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى باش كۆتۈرگەن بەزى ئەھۋاللاردىنمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىسلاھات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر.
ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىلتىزىدىن يېنىكلىتىشمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ، «دەرھال تۈزىتىش» سالمىقىنى ساقلاشقا، تېخىمۇ مۇھىمى «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش» تەپەككۇرىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى. پەقەت مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقى ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى شەكىلۋازلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا، ئىسلاھات - تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.






