تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

2025-يىللىق شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمىسى باشلاندى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا باشلاندى. دۆلەت ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 300گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، سورت يېتىشتۈرۈش، جابدۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى ھەمدە كەسىپ تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ئۇدۇللىشىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەندى.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر كاۋىنىڭ يېڭى سورتىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھىرلىنىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، زال ئىچى-سىرتى كۆرگەزمە كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلاشقان، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، ماشىنا-جابدۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلىغان. 

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ۋە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش پۇرسىتىغا ئىگە قىلىپ، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.