شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پۇرسىتى كەلدى! شىنجاڭنىڭ يىللىق ئاپتوموبىل كاتتا مۇراسىمى − 2025 - يىللىق 25 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل سانائىتى كۆرگەزمىسى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، كۆرگەزمە 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېشىل سەپەرگە چىقىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 60تىن ئارتۇق داڭلىق ماركا، مىڭ خىل ئاپتوموبىل توپلاندى. تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغىنى شۇكى، زاۋۇت بىۋاسىتە تەمىنلىشىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېتىبار بېرىلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەشنى ھېس قىلىپ بېقىش، يېڭى ئېنېرگىيە بورىنى پۈتۈن مەيداننى قاپلىدى! ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىسى ۋە يىللىق ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پۇرسىتى سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى كۈتمەكتە!

شىنجاڭ خەلقارا ئاپتوموبىل سانائىتى كۆرگەزمىسى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ داڭلىق كۆرگەزمىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 24 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى بىر كاتتا زىياپەت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىلىرىنىڭ خېلى داڭلىقى بولۇپ، زور كۆلىمى، مول كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ۋە كەڭ تەسىر كۈچى بىلەن رايون ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ يۆنىلىش كۆرسەتكۈچىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم كۈچ قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئەنئەنىۋى يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىل، ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈردىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى يۇقىرى، ماركىسى تولۇق بولۇپ، شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، تورلىشىش تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.
«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






