ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە 2025 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى ئاچتى
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە 2025 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قانۇن بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇقىيات جارمۇقامەت ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋەكىللەرگە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ۋەكىللەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىم بولۇش ئاساسىدا يۈكسىلىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك ۋە ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.






